خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
بۇ خەلقئارادا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ،1923 - يىلى ۋېنادا قۇرۇلغان.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەۋەتكەن ساقچىلار بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.1993 - يىلى بۇ تەشكىلاتقا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان184 دۆلەت ۋە رايون ئەزا بولدى. ئۇنىڭدا ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، ئىجرائىيە كومىتېتى، كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر دۆلەتتە دۆلەتلىك مەركىزىي ئىدارە تەسىس قىلغان. باش شتابى پارىژدا.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى: جىنايەتكە ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە ئالماشتۇرۇش، قارشى تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىش، خەلقئارا ھەمكارلىققا زۆرۈر بولغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىم جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش، مۇھىم جىنايەت يىپ ئۇچىنى ئۇقتۇرۇش، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتتىن قاچقان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلار.