ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدا ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي ئىتتىپاق.1955 - يىلى5 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدا ياۋروپادىكى سەككىز سوتسىيالىستىك دۆلەت ۋارشاۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «دوستانە، ئۆزئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، ئەينى چاغدا غەرب دۆلەتلىرى قۇرغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن مۇقابىل تۇرغان ھەمدە شەرتلەشكەن دۆلەتلەر «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ئەگەر شەرتلەشكەن مەلۇم بىر دۆلەت قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، شەرتلەشكەن باشقا دۆلەتلەر «بارلىق ئۇسۇل» بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى لازىم، دەپ جاكارلىغان.
ۋارشاۋا شەرتنامىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى سىياسىي مەسلىھەت كومىتېتى بولۇپ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، زور سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.1956 - يىلى ۋېنگرىيىگە ۋە1968 - يىلى چېخوسلوۋاكىيىگە ئەسكەر چىقىرىشنىڭ ھەممىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە قارار چىقىرىپ، ۋارشاۋا شەرتنامىسىنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلغان. ۋارشاۋا شەرتنامىسىنىڭ موسكۋادا تەسىس قىلىنغان دائىمىي ئىشلار كومىتېتى ئادەتتە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ۋارشاۋا شەرتنامىسىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ئورگىنى «بىرلەشمە قوراللىق قىسىم شتابى» بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى موسكۋادا. شتابقا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئاستىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ياۋروپا، جەنۇبىي ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ رايون شتابى قۇرۇلغان بولۇپ، ۋارشاۋا قىسىملىرى ئۈچ تەرەپ ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللەنگەنىدى.
ۋارشاۋا شەرتنامىسى ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، پولشا، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، دېموكراتىك گېرمانىيە، رومىنىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ئالبانىيىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتتىن تەشكىللەنگەنىدى. ئالبانىيە1968 - يىلى چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. ۋارشاۋا شەرتنامىسى1991 - يىل4 - ئاينىڭ1 - كۈنى تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.