خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
1946 - يىلى8 - ئايدا،43 دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى پراگادا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.1985 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە109 دۆلەت ۋە رايوندىكى130 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئەزا بولدى. باش شتابى پراگاغا تەسىس قىلىندى.
خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي نىشانى: «ئىرقىي كەمسىتىش، ئىجتىمائىي كەمسىتىشنى يوقىتىش، مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىق ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.» 1986 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، بۇ تەشكىلات «مائارىپ − ئىمتىياز ئەمەس» دېگەن تېمىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.