UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى

ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ لاگېرنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بەزى كىچىك ۋە ئاجىز دۆلەتلەر خاتىرجەم بولالمىدى. شۇ ۋاقىتتا يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتو، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو، ھىندۇنېزىيە زۇڭتۇڭى سوكارنو، مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلدى.1961 - يىلى9 - ئايدا، يۇگوسلاۋىيىنىڭ بېلگراد شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا25 دۆلەت قاتناشتى. بۇ يىغىن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى.70 - يىللاردىن كېيىن، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز زورايدى.1993 - يىلىغا كەلگەندە، رەسمىي ئەزا دۆلەت110 غا يەتتى.1992 - يىلى، جۇڭگو ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىكىنى قوبۇل قىلدى. ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر تەدرىجىي خەلقئارا سىياسىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالدى. ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى كۆپ قېتىم چاقىرىلىپ، بىر يۈرۈش خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى قوللىنىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەكىتلەندى، چەت ئەلنىڭ مۇداخىلىسى ۋە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش، مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى. ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدىن باشقا يەنە قەرەللىك ھالدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى ھەمدە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki