دۇنياۋى ياشلار تەشكىلاتلىرى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
دۇنياۋى ياشلار تەشكىلاتىدىن ئاساسلىقى: دۇنيا دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ياشلار خەلقئارا ئىتتىپاقى بار.
دۇنيا دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى1945 - يىلى11 - ئايدا لوندوندا قۇرۇلغان. جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى.1986 - يىلى بۇ ئىتتىپاق131 دۆلەتتىكى287 ئەزا تەشكىلاتقا ئىگە بولدى. ئەزا تەشكىلاتلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقوقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. ئىجرائىيە كومىتېتى ھەر يىلى بىر - ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. بۇ ئىتتىپاق كۆپ قېتىم دۇنيا ياش ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىغا ئوخشاش خەلقئارا پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.
سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ياشلار خەلقئارا ئىتتىپاقى1907 - يىلى گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە قۇرۇلغان،1946 - يىلى پارىژدا قايتا قۇرۇلدى.40 دۆلەتتىكى55 تەشكىلات بۇ ئىتتىپاققا رەسمىي ئەزا. باش شتابى ۋيېنادا. بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتى: «جاھانگىرلىككە، فاشىزمغا ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش»، «ئەركىنلىك، ھەققانىيلىق، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە سوتسىيالىزم» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بۇ تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ80 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.