نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
بۇ3 - دۇنيادىكى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى تەڭشەش، ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇ1960 - يىل9 - ئاينىڭ14 - كۈنى قۇرۇلغان. ھازىر ئەزا دۆلەتلىرى ئىراق، ئىران، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋېنېسۇئېلا، ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەت بولۇپ، باش شتابى ۋيېنادا.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلىش؛ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىتقا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى نېفىت بىلەن ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك تەمىنلەش ھەمدە ئۇلارنى نېفىت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئادىل كىرىمگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسى بولۇپ، «مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئورگان ئىقتىسادىي كومىتېت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ماسلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا خام نېفىت ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %80 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ غەرب نېفىت مونوپول كاپىتالىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان نېفىت تالان - تاراج قىلىشىدەك ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ھوقۇقىنى قوغدىدى ھەمدە نېفىت كىرىمىدىن پايدىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللىدى ۋە ئۇلارغا ياردەم بەردى.