ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەرەب ئەللىرى دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىتتىپاق.1945 - يىلى3 - ئايدا، مىسىرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراق قاتارلىق يەتتە دۆلەت قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى نىزامنامىسى» نى ماقۇللاپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت ۋە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ھازىر ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاسىيا، ئافرىقىدىكى22 ئەرەب دۆلىتىگە كېڭەيدى. ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، رايون خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرەبلەر كېڭىشى، ئەرەبلەرنىڭ بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈش كېڭىشى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كېڭىشى، رادىئو ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلغان. باش شتابى قاھىرەدە.