UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارتاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمى

تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمى

خەلقئارا تەشكىلاتلار تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمى تاموژنا بېجى ۋە سودا سىياسىتى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق كۆپ تەرەپلىمە بىتىم. ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا سودىدا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، سودا قورۇقچىلىقىنى ئازايتىش.1947 - يىلى23 دۆلەت جەنۋەدە ئىمزالىغان بولۇپ، ھازىر ئۇ تەرەققىي قىلىپ خەلقئارالىق مۇھىم ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئايلاندى. تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمىنى پۈتۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئاساسلىقى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تەرەپلىك باج كېمەيتىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، كېمەيتىلگەن تاموژنا بېجى نىسبىتىنى بىر باش جەدۋەلگە تولدۇرىدۇ، بۇ باش جەدۋەلدىكى كېمەيتىلگەن باج نىسبىتى پۈتۈشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئومۇميۈزلۈك مۇۋاپىق كېلىدۇ. پۈتۈشكەن بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈشكەن يەنە بىر دۆلەتكە قاراتقان تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، شۇنداقلا ئېكسپورت - ئىمپورت جەھەتتىكى ئېتىبارى، ئالاھىدە ھوقۇقى قاتارلىقلار شەرتسىز ھالدا يەنە پۈتۈشكەن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بېرىلىشى شەرت؛ پۈتۈشكەن بىر دۆلەتنىڭ تاۋارلىرى پۈتۈشكەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ بازىرىغا كىرگۈزۈلگەندە سېتىش - سېتىۋېلىش، توشۇش، تەقسىملەش ياكى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىشىدىغان ئېتىبارى بۇ دۆلەتنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرى بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىباردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ پۈتۈشكەن دۆلەتلەر ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ مىقدارىغا شەرت قويماسلىقى كېرەك؛ پۈتۈشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بېرىپ قالسا، كەڭ كۆلەمدە كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ باش كېلىشىمنى بۇزماسلىقى ئۈچۈن، تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمىدە يەنە نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان، مەسىلەن، تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش، مىقدارىغا چەك قويۇشنى مەنئى قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا دېگەنلەردە تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن شەرت ئاستىدا جانلىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، بىراق نەتىجىدە، زىددىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ قالىدۇ. تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمى1960 - يىلى پۈتۈشكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ كېڭەش مەجلىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قەرەللىك يىغىن چاقىرىش ئارقىلىق، كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان.1979 - يىلى يەنە «18 دۆلەت مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «سودا ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» ۋە «خەلقئارا سودا مەركىزى» قاتارلىق مۇھىم دائىملىق مەخسۇس ئورگانلار تەسىس قىلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سودا مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشنى ھەقسىز ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن، سېتىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتكەن، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلىگەن. تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەخسۇس ئاپپارات بولماستىن، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئالاقىدار ئاپپارات. جۇڭگو تاموژنا بېجى ۋە سودا باش بىتىمىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار