ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى كاپىتالىستىك ئەللەر تەشكىللىگەن خەلقئارا ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش تەشكىلاتى بولۇپ،1961 - يىل9 - ئاينىڭ30 - كۈنى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسى1948 - يىلى4 - ئايدا قۇرۇلغان ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ھەمدە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ سىياسەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ماسلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە ئەزا دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
بۇ تەشكىلاتقا ئەڭ دەسلەپتە ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق20 دىن ئارتۇق دۆلەت قاتناشقان.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر تەيىنلىگەن بىردىن ۋەكىلدىن تەركىب تاپىدۇ ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ باش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. كېڭەش مەجلىسىنىڭ يىغىنى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر يىغىنى بولۇپ، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى يېپىق مەزگىلدە ئېچىلىدۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتىبات باشلىقى رەئىسلىكنى ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە كاتىبات بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەش مەجلىسىنىڭ يىغىن تەييارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى كېڭەش مەجلىسىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا يەنە200 دىن ئارتۇق كەسپىي كومىتېت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن، ئىقتىسادىي سىياسەت كومىتېتى، سانائەت كومىتېتى، مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق كومىتېتلار ۋە جەنۇب، شىمال ئىقتىسادىي ئىشلىرى ۋە تاۋارلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە يادرو ئېنېرگىيىسى ئورگىنى، تەرەققىيات مەركىزى، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق مۇستەقىل ياكى يېرىم مۇستەقىل ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش شتابى پارىژدا.