UyghurWiki›خەلقارا تەشكىلاتلار›بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى1945 - يىلى11 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر مەخسۇس ئاپپاراتى بولۇپ، ھازىر بۇ تەشكىلاتقا161 دۆلەت ئەزا بولدى. باش شتابى پارىژدا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەتكە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى، ئىجرائىيە ئىدارىسى ۋە كاتىباتلار باشقارمىسىدىن ئىبارەت. قۇرۇلتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى رايون خاراكتېرلىك مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ياكى ئالاقىلىشىش ئىش باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلغان. نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارىژدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بار. دۆلەت ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ئورگاندۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئاساسلىقى: مائارىپ، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، مەدەنىيەت ۋە ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت ساھەگە بۆلۈنىدۇ. مائارىپ بۇ تەشكىلاتتىكى پائالىيىتى ئەڭ كۆپ، خىراجەت ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ. تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى پائالىيىتىمۇ خېلى كەڭ.
جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. بۇ تەشكىلات1947 - يىلى11 - ئايدا مەملىكىتىمىزدىكى نەنجىڭ ۋە شاڭخەيلەردە ئىككى ئىلىم - پەن مەركىزى قۇرغان، لېكىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان.1971 - يىل10 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئىدارىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇقىملاشتۇردى.1972 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا مەملىكىتىمىز ۋەكىلى يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ۋە ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.