دۇنيا بانكىسى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
دۇنيا بانكىسى خەلقئارا گۈللىنىش ئېچىش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ1945 - يىل12 - ئاينىڭ27 - كۈنى قۇرۇلغان.1946 - يىل6 - ئاينىڭ15 - كۈنى تىجارەت باشلىغان.1947 - يىل11 - ئاينىڭ15 - كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنىغا ئايلانغان. باش بانكىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، پارىژ، نيۇ يورك، لوندون قاتارلىق جايلاردا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار.
دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەملىشىش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىساد ھالىتىگە سىلىق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش؛ «خۇسۇسىي قەرز ئېلىشقا كېپىل بولۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خۇسۇسىيلارنىڭ دۆلەت سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىش؛ پۇل قەرز ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن: ئەمەلىي يىغىۋالغان مەبلەغ؛ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلار مەبلەغنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، مۇشۇ قەرز قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.
ئومۇمەن، دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار، ئالدى بىلەن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئەزا دۆلىتى ھازىر140 دۆلەت ۋە رايوندىن ئاشتى.1980 - يىل5 - ئاينىڭ15 - كۈنى دۇنيا بانكىسى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ بانكىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى،1981 - يىلى6 - ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز بۇ بانكىدىن تەدرىجىي قەرز ئېلىشقا باشلىدى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەيىنلىگەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقىدىن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى9 - ئايدا فوندى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن چاقىرىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى22 ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ ھەم كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بىر كىشىنى سايلايدۇ ۋە بۇ كىشى بانكا باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.