UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارخەلقئارا سوت مەھكىمىسى

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى

خەلقئارا تەشكىلاتلار خەلقئارا سوت مەھكىمىسى خەلقئارادىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۇنياۋى تەشكىلات بولۇپ، «دۇنيا سوت مەھكىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى. ئۇ «خەلقئارا سوت كېلىشىمى» گە ئاساسەن،1946 - يىلى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بولغاچقا، ئادەتتە «گائاگا سوت مەھكىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر «خەلقئارا سوت كېلىشىمى» نىڭ قاتناشقۇچىلىرى. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى15 نەپەر لاياقەتلىك سودىيىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزاتلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توققۇز يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ.15 نەپەر سودىيە ئىچىدە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىككىسىنىڭ بىر دۆلەتتىن بولۇشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە مەلۇم شەرتكە ئىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى: ئالاقىدار دۆلەتلەر بىردەك قوشۇلۇپ خەلقئارا سوتقا تاپشۇرغان قانۇن ماجىرالىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى ھەمدە ئالاقىدار شەرتنامە ياكى ئەھدىنامىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئاپپاراتلىرى ياكى ھەر خىل مەخسۇس ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن مەسىلىلىرىگە مەسلىھەت بېرىدۇ. سوتتىكى سوراق دائىم ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بارلىق مەسىلىلەر سوتقا قاتناشقان سودىيىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارار قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
خەلقئارا سوت مەھكىمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki