UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى، گېربى ۋە شېئىرى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى، گېربى ۋە شېئىرى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بايرىقى، گېربى ۋە شېئىرىنى تۈزۈپ چىققان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى. بەلگىلىمە بويىچە بايراق تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك، تېگى سۇس كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا ئاق رەڭدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گېربى چۈشۈرۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابى ۋە جەنۋە، ۋيېنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رايونىدا لەپىلدەپ تۇرغىنى دەل مۇشۇ بايراقتۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئولتۇرغان ماشىنىغىمۇ مۇشۇنداق بايراق ئېسىلغان. گېربنىڭ نۇسخىسى: دۇنيا خەرىتىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىن كۆرۈنۈشى ئېلىنغان بولۇپ، خەرىتىگە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. زەيتۇن دەرىخى شېخىنىڭ تىنچلىققا ۋەكىللىك قىلىشى قەدىمكى رىۋايەتتىن كەلگەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەڭرى ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەخلاق، كەيپىياتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقاپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئىنسانىيەتنى كەلكۈنگە غەرق قىلىۋەتمەكچى بولغانمىش. لېكىن كېيىن بۇنداق قىلىشنىڭ تولىمۇ رەھىمسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئادەملەر ئارىسىدىن بىردىنبىر ياخشى نىيەتلىك نوھ ئەلەيھىسسالام ئەر - خوتۇننى تاللىۋېلىپ، بىر كېمە تەييارلاپ (نوھ ئەلەيھىسسالام كېمىسى) ئۇلارنى كېمىگە ئولتۇرغۇزۇپ، بىر جۈپ كەپتەر بىلەن جېنىنى ئەپقېچىشقا قويۇۋەتكەنمىش. كەلكۈن يانغاندىن كېيىن نوھ ئەلەيھىسسالام كەپتەرنى ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي كەپتەر ياپيېشىل زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇمىش، بۇ، كەلكۈننىڭ يېنىپ، تىنچلىق كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىنى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى، كەپتەرنىمۇ تىنچلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدىغان بوپتۇ. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شېئىرى» نى ئامېرىكا شائىرى H.J. رومىن1945 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومپوزىتورى شاستاكوۋىچنىڭ «ئۇچرىشىش ناخشىسى» ئاساسىدا قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ تېكىستى: نۇرلۇق قۇياش، يۇلتۇزلار چاقنار كۆكنىڭ قەھرىدە، قاپلىدى يەر - زېمىننى ھەيۋەت ناخشا ساداسى. يۈكسەك ئۈمىد پارلىدى بارچە ئىنسان قەلبىدە، ئالقىشلار ياڭرىدى تۆرەلگەچ يېڭى دۇنياسى. قۇتۇلدۇرۇپ دۆلەتنى ئاسارەتتىن مەردانە، بوشىنىشقا تەلتۆكۈس خورلۇقىدىن زۇلمەتنىڭ. خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، ئېقىن سۇدەك ھەريانە، ياڭرىدى ھەم تارىدى سادالىرى غەزەپنىڭ. قۇياش ھامان - مۇقەررەر كۈتۈۋالار سەھەرنى، دەريا سۈيى توختىماي قۇيۇلىدۇ ئوكيانغا. كۈتۈۋالدى ئىنسانلار قۇتلۇق يېڭى ئەسىرنى، ئەۋلاد ئەركىن نەقەدەر، قاراڭ كۆركەم زامانغا. جىمى دۆلەت بىرلىكتە قەدەم ئالايلى ئالغا، ئادالەتنىڭ بايرىقى جەۋلان قىلسۇن لەپىلدەپ. ئېرىشىشكە ھۆر - ئەركىن يېپيېڭى نۇر دۇنياغا، بوشاشماستىن بىز ھامان مۆرىنى مۆرىگە تېرەپ. ئېرىشىشكە ھۆر - ئەركىن يېپيېڭى - ئۇز دۇنياغا.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار