خەلقئارا قىزىل كرېست قۇرۇلتىيى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىختىيارىي تەشكىللەنگەن پىدائىيلار تەشكىلاتى. باش شتابى جەنۋەگە تەسىس قىلىنغان.1864 - يىلى شۋېتسارىيىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن جەنۋەدە خەلقئارا يىغىن ئېچىلىپ، «جەنۋە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەھدىنامىسى» ئىمزالاندى. شۇنىڭ بىلەن قىزىل كرېست ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ ھۆرمىتى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.1919 - يىلى2 - ئايدا، پارىژدا «قىزىل كرېست جەمئىيىتى كومىتېتى» قۇرۇلدى. ئەزالىرى100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى (ئىسلام دۆلەتلىرىدە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى، ئىراندا قىزىل شىر ۋە قۇياش جەمئىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ).
خەلقئارا قىزىل كرېست قۇرۇلتىيى خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي قاراپ چىقىش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى تەشكىلاتىنى ھەمدە جەنۋە ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكەن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. ھازىر، قىزىل كرېست ھەرىكىتى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، قەيەردە ئۇرۇش ياكى ئاپەت يۈز بەرسە شۇ جايدا قىزىل كرېست بايرىقى لەپىلدەيدۇ.