UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇھىم مەخسۇس تەشكىلاتى. ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا سودىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كونترول ۋە مونوپول قىلىۋېلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇ خىل بىنورمال ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.1964 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1 - نۆۋەتلىك سودا - تەرەققىيات يىغىنى چاقىردى ھەمدە سودا - تەرەققىيات كېڭىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئورگىنى قىلىپ بېكىتتى. بۇ كېڭەش ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. سودا - تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى: خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئائىت سىياسەتلەرنى تۈزۈش ھەمدە تەكلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. كېڭەشنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان.1987 - يىلى7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتاي يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆججەتنى قاراردىن ئۆتكۈزۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار