UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارشىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسقارتىلىپ «ش ئا ئە ت» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەربىي گۇرۇھ.1949 - يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، ليۇكسىمبۇرگ، ئىسلاندىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت12 دۆلەت ۋاشىنگتوندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى رەسمىي قۇردى. كېيىن گرېتسىيە، تۈركىيە، فېدراتىپ گېرمانىيە، ئىسپانىيىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا كىردى، ھازىر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت16 گە يەتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى بريۇسسېلدا بولۇپ، ئۇنىڭدا مىنىستىرلار كېڭىشى، مۇداپىئە ئىشلىرى پىلان كومىتېتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىنغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، شتاب باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاستىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى»، «ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى» ۋە «دېڭىز بوغۇزى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى»، ئۇنىڭدىن باشقا بىر «يادرو پىلانى گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنغان. يۇقىرىدىكى ئۈچ قوماندانلىق شتابى ئىچىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى» ئەڭ مۇھىم بولۇپ، تارىختىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئۆتەپ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئوتتۇرا ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى، شىمالىي ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قۇماندانلىق شىتابى، جەنۇبىي ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون قوماندانلىق شتابى بولۇپ، نەچچە مىليون كىشىلىك قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ھەر يىلى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار