ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان.1963
- يىل5 - ئاينىڭ23 - كۈنىدىن26 - كۈنىگىچە ئەددىس - ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن31 ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يىغىندا ماقۇللانغان «ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى» دا: بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش، ئافرىقىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسىتىلدى.
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا يەنە مىنىستىرلار كېڭىشى، دائىمىي كاتىباتلىق باشقارمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان.
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان،22 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.1990 - يىلى3 - ئايدا، ئافرىقىدىكى ئاخىرقى مۇستەملىكە دۆلەت نامبىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.