UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇپ، خەلقئارا ماجىرالار يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە «تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى1948 - يىلى5 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەلەستىندىكى ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا نازارەت قىلىش ئىدى، ئۆتكەن40 نەچچە يىلدا جەمئىي23 قېتىم قوشۇن تەشكىللىنىپ، ئومۇمىي ئەسكەر سانى540 مىڭغا، ئىشلىتىلگەن خىراجەت جەمئىي5 مىليارد800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.1988 - يىلى بۇ قوشۇن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئادەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي كىيىمىنى كىيىدۇ. ئەمما، بىردەك سۇس كۆك رەڭلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گېربى چۈشۈرۈلگەن پولات قالپاق ياكى بېرېت كىيىدۇ. دۆلىتىمىز1990 - يىلى4 - ئايدا تۇنجى قېتىم تۆت ئادەمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشۇنىغا قاتناشتۇردى.1991 - يىلى400 نەپەر قۇرۇلۇش ئەسكىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىغا قاتنىشىپ، كامبودژىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki