ئاندېس گۇرۇھى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
1966 - يىلى8 - ئايدىن1969 - يىلى11 - ئايغىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاندېس رايونىدىكى بىرنەچچە دۆلەت كۆپ قېتىم جەم بولۇپ رايون ھەمكارلىقى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «كىچىك رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش كېلىشىمى» نى ماقۇللاپ، ئاندېس ئىتتىپاقىنى قۇردى.1987
- يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىتتىپاققا پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق بەش دۆلەت قوشۇلدى، يەنە كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار. تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئۈچ قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ. يەنە تېخنىكا كومىتېتى، باش كاتىبات باشقارمىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. باش شتابى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى: ئاندېس رايونىدىكى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەكشى ماسلاشقان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.