يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى − خەلقئارالىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش كۈندىن - كۈنگە ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. يادرو سىنىقى، سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇ، ئەخلەت قاتارلىقلار مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئورۇنلار، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. يېشىللىق تىنچلىق بىلەن ھاياتلىققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، «يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» دەل مۇشۇ مەنىدە قوللىنىلدى. ئۇ كىشىلەرنى مۇھىتنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىدۇ.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى1971 - يىلى كانادادا قۇرۇلغان، باش شتابى لوندوندا، ئۇنى بىر قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ھازىر بۇ تەشكىلاتنىڭ700 مىڭ ئەزاسى بار. ئۇلار ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق10 نەچچە دۆلەتكە تارقالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى: يادرو سىنىقى ۋە كېرەكسىز يادرو ماتېرىياللىرىنى توشۇشقا قارشى تۇرۇش، كىت، بېلىق قاتارلىق دېڭىز جانلىقلىرىنى تۇتۇشقا قارشى تۇرۇش، مۇھىت بۇلغاشقا قارشى تۇرۇش.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىدى.1984 - يىلى10 - ئايدا، بۇ تەشكىلات «سىرىئۇس» ناملىق پاراخوت بىلەن جەبىلتارىق بوغۇزىنى قامال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كىت ئوۋلاش ئەترىتىنىڭ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى توستى.1985 - يىلى3 - ئايدا، بۇ تەشكىلات بايراق ئېسىلغان «ھەسەن - ھۈسەن ئەزىمەت» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى گۇجارىن ئارىلىغا ھەيدەپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە قارشى تۇردى.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.