UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارخەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتى

خەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار خەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتىدىن ئاساسلىقى: خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقى، خەلقئارا ئاياللار كېڭەشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەشكىلات بار. خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى1945 - يىلى12 - ئايدا پارىژدا قۇرۇلغان.1987 - يىلىغا كەلگەندە كوللېكتىپ ئەزاسى136 بولۇپ، ئۇلار118 دۆلەتكە تارقالغان. باش شتابى بېرلىندا. بۇ تەشكىلات جاكارلىغان پائالىيەت مەقسىتى: ھەرقايسى ئەللەردىكى ئاياللار ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ فاشىزمغا قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى، دېموكراتىيىنى، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش، بالىلارنى قوغداش، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش. خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقى1902 - يىلى تەشەببۇس قىلىنىپ،1904 - يىلى بېرلىندا رەسمىي قۇرۇلغان. باش شتابى لوندوندا. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئەر - ئاياللار ئەركىنلىك، ھوقوق، ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ھەربىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛ ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. خەلقئارا ئاياللار كېڭىشى1888 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، كانادا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. باش شتابى پارىژدا تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: «ئاياللارغا پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى ھېس قىلدۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش.»
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
خەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتى | UyghurWiki | UyghurWiki