ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قىسقارتىلىپ «ئاسىيا بانكىسى» دېيىلىدۇ. ئۇ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ،1966 - يىلى12 - ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلىغان.
«ئاسىيا بانكىسى» نىڭ ئەزالىرى: بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە غەيرىي رەسمىي ئەزالىرى؛ يەنە بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە بۇ رايوندا بولمىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئىبارەت.1986 - يىل3 - ئاينىڭ10 - كۈنى دۆلىتىمىز بۇ بانكىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلاندى.
ئاسىيا بانكىسىنىڭ كەسپىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى: مۇشۇ رايوندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قەرز پۇل ۋە تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەش، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق كەسپى: تۈر قەرزى، تېخنىكىلىق ياردەم، پاي چېكى مەبلىغى، ئورتاق مەبلەغدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەبلىغى ئادەتتىكى مەبلەغ ۋە ئالاھىدە مەبلەغ دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتىكى مەبلەغ ئاساسلىقى ھەرقايسى ئەزالار تاپشۇرغان پاي پۇلى ۋە قەرز پۇلى ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ. پاي پۇلى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇلىدۇ، ھەر قېتىمدا مەلۇم نىسبەتتىكى ئالتۇن ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى تاپشۇرۇلىدۇ. پاي دەسمايىسىنى تاپشۇرۇشتا، بۇ بانكا قەرز پۇلىنى ياكى كېپىللىك پۇلىنى قايتۇرماقچى بولغاندىلا ئەزا دۆلەتلەرنى تاپشۇرۇشقا سۈيلەيدۇ. قەرز پۇل بولسا زايوم تارقىتىش ئۇسۇلى بويىچە خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىن توپلىنىدۇ.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى مۇدىرىيەت، كېڭەش مەجلىسى ۋە مەمۇرىي مەھكىمە دەپ بۆلۈنىدۇ. بانكا باشلىقى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش بانكا فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا جايلاشقان.