دۇنياۋى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
خەلقئارادا دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى، دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۇنياۋى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى بار.
دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى1945 - يىلى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىگە ئېرىشكەن ۋەزىيەتتە،54 دۆلەتتىن كەلگەن64 مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە20 خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ20 ۋەكىلى پارىژدا دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى. باش شتابى پراگاغا تەسىس قىلىندى. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساس سالغۇچى دۆلەتلىرىدىن بىرى.1987 - يىلى بۇ تەشكىلات81 دۆلەتتىكى92 ئەزا تەشكىلاتقا ئىگە بولدى، ئەزالىرى200 مىليوندىن ئاشتى.
دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى.1920 - يىلى بەزى كاتولىك دىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى گائاگادا ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، خەلقئارا خرىستىئان دىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى.1986 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ1985 - يىلىدىكى ئەزاسى25 مىليون. باش شتابى بريۇسسېلغا تەسىس قىلىنغان.
خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى1949 - يىلى11 - ئايدا لوندوندا جەم بولۇپ، خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى. بۇ تەشكىلاتنىڭ1987 - يىلى ئېلان قىلغان ئەزاسى85 مىليون بولۇپ،97 دۆلەت ۋە رايوندىكى145 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا ئەزا. باش شتابى بريۇسسېلغا تەسىس قىلىنغان.