خەۋپسىزلىك كېڭىشى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
خەۋپسىزلىك كېڭىشى − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ھەرىكەت قوللىنىپ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بىردىنبىر ئورگان.
جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئۇلار ئەلۋەتتە ئەزا دۆلەت بولغاچقا، سايلام ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا10 دۆلەت بار، ئۇلارنى رايونلار بويىچە بۆلگەندە، ئاسىيا قىتئەسىگە ئىككى، ئافرىقا قىتئەسىگە ئۈچ، لاتىن ئامېرىكىسىغا ئىككى، شەرقىي ياۋروپاغا بىر، غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئىككىدىن دۆلەت توغرا كېلىدۇ. ئۇلار يىغىندا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئۇدا سايلىنىشقا ۋە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بولۇپ، بۇ دەل رەت قىلىش ھوقۇقىدۇر. بارلىق قارارلار بۇ بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر دائىمىي ئەزا دۆلەت مەلۇم بىر قارارغا قارشى بېلەت تاشلىسا، بۇ قارار رەت قىلىنغان بولىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقىغا، ھەرقانداق خەلقئارا سۈركىلىشنى تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا، تاجاۋۇزچىلارغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئەزا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جازا ئۇسۇلىنى ۋە ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاجاۋۇزچىلىقتىن توختىتىشقا دەۋەت قىلسا؛ يېڭىدىن ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرسە، ئۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.