UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، پەن - تېخنىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يىغىپ، مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى چاقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئېچىش - ياردەم بېرىش» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. كېڭەش يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. كاتىباتلار باشقارمىسى ئۇنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا باش خادىم تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى: خەلقنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو1973 - يىلىدىن باشلاپ بۇ تەشكىلاتقا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئەۋەتتى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار