ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارىمىقىدىكى بىر مۇھىم ئاپپارات.
ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىكى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ، خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئىنسانىي ھوقۇق، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، يىغىنغا دوكلات قىلىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ؛ ھەرقايسى مەخسۇس ئاپپاراتلارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي كېڭىشى54 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بۇنىڭ ئىچىدىكى18 دۆلەت ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ. ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي كېڭىشى ھەر يىلى ئىككى قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ستاتىستىكا، نوپۇس، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىنسانىي ھوقۇق، ئاياللار، مەست قىلغۇچى بۇيۇم مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالتە مەخسۇس كومىتېت، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق بەش رايون خاراكتېرلىك ئورگان ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا بەزى قوشۇمچە ئورگانلار تەسىس قىلىنغان