UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاردۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار 1948 - يىلى6 - ئايدا قۇرۇلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى: خەلقئارا سەھىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ساغلام سەۋىيىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلات ھەر يىلى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ.23 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسلىق نىشان: »2000 - يىلى ھەممە ئادەم سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاشقا ئېرىشىش« تىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تەشكىلات خىزمەت نىشانىنى تەرتىپكە سېلىپ، خام چوتنىڭ يېرىمىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە سەرپ قىلىپ، سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاشنى دەسلەپكى قەدەمدە پائال ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا سەھىيە قۇرۇلتىيى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. مەملىكىتىمىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىققا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار