UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلارئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى

خەلقئارا تەشكىلاتلار 1890 - يىلىلا ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىكى17 دۆلەت بىرىنچى قېتىم خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.1948 - يىلى «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى، دائىمىي كېڭەش، كاتىباتلار باشقارمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.1991 - يىلىغا كەلگەندە، ئەزا دۆلەت34 كە يەتتى. ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: ئۆز قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەشكىلات ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلدى. شۇڭا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەرسىزلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى | UyghurWiki | UyghurWiki