UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى9 - ئاينىڭ3 - ھەپتىسىدىكى سەيشەنبە كۈنى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ،12 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ، يىغىن بىرنەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارنى يىغىنغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى يىغىنغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يىغىندا تەسىس قىلغان يەتتە كومىتېت يىغىن خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. يىغىندا قاراپ چىقىلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىشلار ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن سىرت، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرگە ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەكلىپ بېرىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارى ناھايىتى زور سىياسىي تەسىرگە ئىگە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچقاندىن سىرت،1993 - يىلىغىچە48 قېتىم يىغىن ئاچقان. بەزى چاغلاردا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى ۋە جىددىي يىغىنى ئېچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى | UyghurWiki | UyghurWiki