ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى قىسقارتىلىپ «ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كېڭەشكە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق35 دۆلەت قاتناشقان.1991 - يىلىدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى48 گە يەتتى.1973
- يىلى7 - ئايدا، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە قاتناشقان دۆلەتلەر بىرىنچى باسقۇچلۇق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. شۇ يىلى9 - ئايدا يەنە ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا2400 قېتىم يىغىن ئېچىلىپ، ئاخىردا ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ «ئاخىرقى ھۆججىتى» تۈزۈپ چىقىلدى.1975 - يىل7 - ئاينىڭ31 - كۈنىدىن8 - ئاينىڭ1 - كۈنىگىچە ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىن ئۆتكۈزۈپ »ئاخىرقى ھۆججەت« كە ئىمزا قويدى، شۇنداقلا «كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پرىنسىپى» ھەمدە «ئىشەنچ تىكلەش ۋە بىخەتەر ھالدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش تەدبىرى» نى تۈزۈپ چىقتى. كېيىن ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى يەنە كۆپ قېتىم مارافونچە يىغىن ئۆتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەزمۇنى ئىقتىسادىي تەرەپكە قاراپ كېڭەيدى.1990 - يىلى3 - ئايدا ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى بونندا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىقىغا يېڭى يول ئېچىلدى.