UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا مۇسابىقىلەرخەلقئارا خىمىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسى

خەلقئارا خىمىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسى

خەلقئارا مۇسابىقىلەر بۇنى1968 - يىلى چېخوسلوۋاكىيە، پـولـشـا، ۋېـنـگــرىـيـىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلـەت باشلىغان، شۇ يىلى چېخوسلوۋاكىيىدە1 -نۆۋەتـلـىـك خـەلـقئارا خـىـمـىـيە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، قىسقارتىلىپ OHCI دەپ ئاتىلـىـدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىـم ئۆتـكـۈزۈلدى، ئۇيـۇشتۇرۇشـنى قاتناشقۇچى دۆلەتلەر نۆۋەتلىشىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. دەسلەپتە، قاتناشقۇچىلار شەرقـىـي يـاۋروپـا دۆلەتـلـىـرى بىلەنلا چەكلەنگەنىدى. مۇسابىقە قىزغىن بولغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىـڭ دىققىتىنى تارتتى، ھازىر ئۇنىڭغا20 نەچچە دۆلەت قاتنـىـشـىـدۇ. جـۇڭـگـو1987 - يىلى تۇنجى قېتىم ۋەكىللەر كوماندىسى ئەۋەتىپ،19 - نـۆۋەتـلـىـك مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. مۇسابىقە مەزمۇنى ئانئورگانىك خىمىيە، ئورگانىك خىمىيە، فىزىك خـىـمـىـيـىنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،1984 - يىلدىكى16 - نۆۋەتلىك مۇسابىقىـدىـن ئېـتـىـبـارەن، يەنە بىئوخىمىيە كۆپەيتىلدى. مۇسابىقە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ۋاقتى ئىككى قېتىم يـېـرىـم كـۈندىن بـولـىـدۇ. بىرىنچى باسقۇچ يازما ئىمتىھان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس نەزەرىـيـە بىلىملىرى سىنىلىدۇ، ئاساسىي مەزمـۇنـى ئورگـانـىـك خـىـمـىـيـە ئاسـاس ئۇقۇملىرى ۋە ئاساس نەزەرىيىلىرى ھەم خـىـمـىـيـىـگە ئائىت ھېـسابلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى باسقـۇچـتـا، تـەجـرىـبـىـخـانـىـدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلـەرنـى تـەھلـىـل قىلىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقـان مـاھىـرلار بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك. ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومـۇرى100 بـولـۇپ، نـەزەرىـيـە60 نـومـۇرنـى، تەجرىبە سوئالى40 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي نـومـۇر بـويـىـچـە رەتـكـە تۇرغۇزۇلۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مـېـدال ۋە رىـغـبەتـلـەنـدۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. تەشكىللەش كومىتېتى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچـىلارنـىـڭ ئالغان نومۇرىغا ئاساسەن، نومۇر بۆلىكىنى بېكىتىدۇ ۋە شۇ نۆۋەتـلـىـك مۇسابىقىنىڭ مېـدال سـانـىـنـى بـەلـگىـلـەيـدۇ. نـومـۇر قـويـۇشـتـا ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت بەلگىلىگەن نومـۇر قـويـۇش ھەيئىـتـى بـىـلـەن شـۇ دۆلەتنىڭ كوماندا يېتەكچىلىرى ئايرىم - ئايرىم نومۇر قويىدۇ. ئاخىـرىـدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ باھالاش كومىتېتـى تـەكـشـۈرگـەن ئىـمـتـىـھـان قەغىزى بىلەن شۇ دۆلەت كوماندا يېتەكچىسـى تـەكـشۈرگـەن ئىـمـتـىـھـان سوئاللىرىنىڭ نەتىجىسى بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇلۇپ، بىردەك پىـكـىـر ھاسـىـل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئىمتىھـان قـەغىـزىـگـە ئىـمـزا قـويـىـدۇ، شۇندىلا نومۇر ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن باشقا، يەنە ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو1987 - يىلى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگـە قـاتـنـىـشـىـپ، بىر دانـە ئالتۇن مېدال، ئىككى دانە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم مۇسابىـقـىـگـە قاتناشقان دۆلەتتىن تۆت ماھىرنىڭ ھەممىسى مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك رېكورتـنـى ياراتتى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا مۇسابىقىلەر