UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا مۇسابىقىلەرمەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچـىـلـىـرى مـاتـېـمـاتـىـكـا مۇسابىقىسى

مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچـىـلـىـرى مـاتـېـمـاتـىـكـا مۇسابىقىسى

خەلقئارا مۇسابىقىلەر 1956 - يىلى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك رايون خاراكتېرلىـك ئوتـتـۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، پروفېسسـور خۇا لوگېڭ مۇسابىقە ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكـىـگـە تـەيـىـنـلـىـنـىـپ، سـوئال چىقىرىش خىزمىتىگە بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ يىلى تيـەنجىـن، ۋۇخەن ۋە شاڭخەيدىمۇ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن،1957 - يىلى،1962 - يىلى،1963 - يىلى ھەمدە1964 - يـىـلـى مـەمـلـىـكـەتـنـىـڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇدا رايون خاراكتېرلىك ماتېماتىكا مـۇسـابـىـقـىـلـىـرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.1965 - يىلىدىن كېيىن، مەلۇم سـەۋەبـلـەر تـۈپـەيـلـىـدىـن ئۈزۈلۈپ قالدى.1978 - يىلى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماتېـمـاتـىـكـا مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك پائالىيەتكـە تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت مائارىپ كومىتېتى بىلەن مەمـلـىـكەتـلىـك پـەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار تولۇق ئوتتـۇرا3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تولۇق ئوتتۇرا2 - يىللىقتىكى بىر قىسىـم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.1985 - يىلىـدىـن ئېـتـىـبـارەن، مەملىكەت خاراكتېرلىك تولۇقسـىـز ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقـۇغـۇچـىـلـىـرى ماتېماتىكا مۇسابـىـقـىـسـى ئۇيـۇشـتـۇرۇلـدى. ئۇنىـڭـدىـن بـاشـقـا، رايـون خاراكتېرلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇسابىقىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى.1986 - يىلى يەنە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يـۇقـىـرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ1 -،2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «خۇا لوگېڭ ئالتۇن لوڭقىسى» ئۆسمۈرلەر ماتېماتـىـكـا تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.1981 - يىلدىن ئېـتـىـبـارەن، مـەمـلـىـكـەتـلىـك ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىـتـى بـىـر تۇتاش سوئال چىقاردى. مۇسابىقە ئىككى ئىمتىھانغا ئايرىـلـدى. بـىـرىـنـچـى ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتـەپ دەرسـلـىـكـىـدىـكـى ئاسـاس بىلىملەرنى ئىگىلەش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ نۇرغۇن ئۆلـچـەمـلـىـك سوئال ۋە ئۈچ يېشىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ؛ ئىككىنچـى ئىـمـتـىـھـانـدا ئۈچ يېشىش مەسىلىسىلا بـولـۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس بىلىملەردىن جانلىق پايدىلىنـىـش ئىـقـتـىـدارى ۋە ئەقىل سەۋىيىسى سىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سوئاللارغا يەنە يېقىنقـى زامـان ماتېماتىكىسى، مەسىلەن، گرافىكا نەزەرىيىسى، توپولوگىيىدىكى بەزى سـاۋات ۋە ئىـدىـيـە، مېتودلار كىرگۈزۈلىدۇ. مەملىكەتلىك ماتېماتىكا مۇسابىـقـىـسـىـدە ئۆلـكـە، شـەھەر، ئاپـتـونـوم رايونلاردىكى ماتېماتىكا جەمئىيـەتـلـىـرى ئوقـۇغـۇچـىلارنـى ئىـمـتـىـھـانـغـا تەشكىللەپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشكە مـەسئۇل بـولـىدۇ، ئۇلارنـىـڭ ئارىسىدىن20 −25 ئوقۇغۇچى تاللىنىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقـىـگـە قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن،1 - دەرىجىلىك مۇكاپـاتقا ئۈچتىن بەشكىچە ئوقۇغۇچى تاللاپ چىقىلىدۇ،2 -،3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتنـىـڭ سـانـى مـۇقـىـم بولمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مەنـىـۋى مـۇكـاپات بـېـرىـش ئاسـاس قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مـەمـلـىـكـەتـلـىـك نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىمتىھانسىز كىرىپ ئوقۇيدۇ. مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۆلكە، شەھەر، ئاپـتـونـوم رايـونلار نەتىجىسى ئەلالاردىن بىرنەچچىنى تاللاپ، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيـىـتـىـدە يىغىپ تەربىيىلەشكە ئەۋەتىدۇ، بۇ يەردە شـاللاش ئارقـىـلـىـق20 نـەپـىـرى ئېلىپ قېلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئالتە نەپىرى تاللىنىپ، خەلقئارا ماتېماتـىـكـا ئولـىـمـپـىـك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا مۇسابىقىلەر
مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچـىـلـىـرى مـاتـېـمـاتـىـكـا مۇسابىقىسى | UyghurWiki | UyghurWiki