UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا مۇسابىقىلەرمەملىكەتلىك ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغـۇچـىـلـىـرى فـىـزىـكـا مۇسابىقىسى

مەملىكەتلىك ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغـۇچـىـلـىـرى فـىـزىـكـا مۇسابىقىسى

خەلقئارا مۇسابىقىلەر مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىكا مۇسابىقـىـسـىـنـى جۇڭگو فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فىزىكا ئۆگىنىـش قـىـزغـىـنـلىـقـىـنـى قـوزغـىـتـىـش ۋە يېتىلدۈرۈش، خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىـگـە قـاتـنـىـشـىـدىـغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش مەقسەت قىلىنىدۇ. مۇسابىقە1984 - يىل باشلانغان بولۇپ، يىلـدا بـىـر قـېـتـىـم، ھەر يىلى10 - ئايـدا ئۇيۇشـتـۇرۇلـىـدۇ. مـۇسـابـىـقـە1 -،2 -،3 - ئىمتىھانلارغا ئايرىلىدۇ.1 - ئىمتىھان يازما ئىمتىھان بولۇپ، جۇڭگو فـىـزىـكـا ئىلمى جەمئىيىتى بىر تۇتاش سوئال چىقىـرىـدۇ، ئۆلـكـە، شـەھەرلـەردىـكـى فىزىكا ئىلمىي جەمئىيەتلىرى ئىمتىھانغا تەشكىللەيـدۇ، تـولۇق نـومـۇر140 بولىدۇ. ئۆلكە، شەھەرلەر1 - ئىمتىھاندىن تاللانغان ئاز ساندىكـى ئوقۇغۇچىلارنى2 - ئىمتىھانغا قاتـنـاشـتـۇرىـدۇ.2 - ئىـمـتىـھانـدا فـىـزىـكـا تەجرىبىسىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، سوئالنى ئۆلكە، شەھەرلەردىكـى فـىـزىـكـا ئىلمىي جەمئىيەتلىرى تەشكىـللەپ چـىـقىـرىـدۇ، ھەربىـر ئوقـۇغۇچـى2 -3 تەجرىبە ئىشلەيدۇ، ھەر بىر ئوقۇغـۇچـىـغـا1 -2 ئوقۇتقۇچى نەق مەيداندا نومۇر قويىدۇ، تەجرىبە ئىمتىھـانـىـنـىـڭ تولۇق نومۇرى60 بولىدۇ.1 - ئىمتىھان ۋە2 - ئىمـتـىـھـان ئومۇمـىـي نەتىجىسى ئالدىنقى ئۈچىنچى ياكى ئالدىنقى تۆتىنچى بولغانلار مەملىكەتلىـك فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى بىر تۇتاش تەشكىللىگەن3 - ئىمتىھـانـغـا قاتنىشىدۇ.3 - ئىمتىھانمۇ يازما ئىمتىھان ۋە تەجـرىـبـە ئىـمـتـىـھـان دەپ ئىـكـكـى قىسىمغا ئايرىلىدۇ، نەتىجىسى ئەلا بولغان ئالدىنقى10 نـەپـىـرى ئېـغـىـزچـە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن1 - دەرىجىلىـك مـۇكـاپـات،2 - دەرىـجـىـلـىـك مۇكاپات ۋە3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر باھالاپ چىقىلـىـدۇ.3 - ئىمتىھانغا قاتناشقانلار مۇكاپاتـقـا ئېـرىـشـەلـەيـدۇ. مەملىكەتلىك مۇسابىقە ھەيئىتى1 - دەرىجىلىك مـۇكـاپـاتقا ئېرىشكۈچىلەردىن بـىـرنەچچىنى تاللاپ يىغىپ تەربىيىلەپ، خەلقئارا فىزىكا ئولـىـمـپـىـك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان نامزات ۋەكىللىرى قىلىدۇ. مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىكا مۇسابىقىسىـنـىـڭ ئىمتىھان سوئالىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتـۇش پروگراممىسى ئاساس قىلىنىپ، ئىقتىدار ۋە فىزىكا بىلىملىرىدىـن جـانـلـىـق پايدىلىنىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى نۆۋەتلىك ئىمتىـھـان سوئاللىرىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، 40% سـوئالـنـىـڭ قـىـيـىـنـلـىـق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.2 - ئىمتىھان تەجرىبە سوئالىدا تـەجـرىـبـە لايىھىلەش ئىقتىدارى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنـىـلـەردە ئۆلـچـەمـلـىـك مەشغۇلات قىلـىـش، تـەجـرىـبـە دوكلاتـى يـېـزىـش ۋە تـەجـرىـبـە سـانلىق ئاساسلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلـىـدۇ.3 - ئىمتىھاننىڭ سوئاللىرى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىكا مۇسابىقـىـسـىـگـە ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن تىزىملىتىپ قاتنىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا مۇسابىقىلەر