مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلـىـرى خـىـمـىـيـە مۇسابىقىسى
خەلقئارا مۇسابىقىلەر
بۇ مۇسابىقە1984 - يىلى باشلانغان بولۇپ، جۇڭگو خىمىيـە ئىـلـمـىـي جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېـتـى ئۇيـۇشـتـۇرغـان، ئەسـلىـدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلەتتى،1986 - يىلدىن ئېتىـبـارەن يـىـلـدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. مۇسابىقە جۇڭگو پەن - تېخنـىـكـا جـەمئىـيـىـتـى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە دۆلەت مائارىپ كومىتېتىـنـىـڭ قـولـلـىـشـى ئارقىسىدا، ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردىكى خىمىيە (خىمىيە سانائىـتـى) ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن مائارىپ نازارەتلىرى بىرلىكتـە مـەمـلـىـكـەتـنـىـڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىمىيە مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققان ۋەكـىـلـلـەرنـى تەشكىللەپ، قىشلىق تەتىلدە مەملىكەتلىك خىمىـيـە قـىـشـلـىـق لاگېرىـغـا قاتناشتۇرىدۇ، خىمىيە مۇسابىقىسى قىشلىق لاگېردىكى ئاساسىي پائالىيەتتۇر.
مەملىكەتلىك خىمىيە مۇسابىقىسى ئارقىلـىـق يـاش - ئۆسـمـۈرلـەرنـىـڭ خىمىيىنى تېخىمۇ سۆيۈش ئىشتىياقى قوزغىتىلـىـپ، ئۇلارنـىـڭ خـىـمـىـيـە بىلىملىرىنى تەتبىقلاپ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ئەمەلىي مەسىـلـىـلـەرنـى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈلـىـدۇ؛ خـىـمـىـيـە پـېـنـى بـىـلـىـمـلـىـرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، خىمىيە پېنىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە دۆلەت مۇداپـىئەسـى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى تەشۋىق قىلىنىدۇ.
مەملىكەتلىك خىمىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كـومـانـدا ئەزالـىـرى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولـۇپ، ئومـۇمـەن تـولـۇق ئوتتۇرا3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىـشـىـدۇ، ئوتـتـۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگـە ئالـمـايـدۇ. مۇسابىقە نەزەرىيە قىسىم ۋە تەجرىبە مەشغۇلات قىسمىدىن ئىبارەت ئىـكـكـى قىسىمغا ئايرىلىدۇ، بۇ ئىككى قىسىمنىڭ تولۇق نومۇرى ئايـرىـم - ئايرىم ھالدا60 ۋە40 بولىدۇ. ئىمتىھان ۋاقـتـى تـەخـمىـنـەن يېرىم كۈن ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.
مەملىكەتلىك خىمىيە مۇسابىقىسىدە1 -،2 -،3 - دەرىجىلىك مۇكاپـات تەسىس قىلغان، مۇكاپاتقا ئېرىشىش دائىرىـسـى %60 ئۆپچۆرىسىدە بـولـىـدۇ. بـۇنـىـڭ ئىچىدە1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن10 ى بولىدۇ. مۇكاپـاتـقـا ئېرىـشـكـەنلەرنـىـڭ مـۇتـلـەق كـۆپ قـىـسـمـى نـۇقـتـىـلـىـق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كېپىللىك بىلەن ئەۋەتىلىدۇ.