UyghurWiki›خەلقارا مۇسابىقىلەر›مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر «خىـمـىـيـە قارتا» خـىـمـىـيـە مۇسابىقىسى
مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر «خىـمـىـيـە قارتا» خـىـمـىـيـە مۇسابىقىسى
خەلقئارا مۇسابىقىلەر
خىمىيە قارتا يې زېچىن كەشىپ قىلغان، تەلـىـم - تـەربـىـيـە ئويـۇنـغـا سىڭدۈرۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە تەلىم - تەربىيە ۋاسـىـتـىـسـى. قارتا ئويناش ئارقىلىق خىمىيە بىلىملىرىنى ئۆگەنگىلى، مـۇسـتەھكـەمـلـىـگـىـلـى بولىدۇ، بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياقتۇرىدىغان تەلـىـم - تـەربـىـيـە ئۇسۇلى. «خىمىيە قارتا» خىمىيە مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاسـاسـتـا تـەرەقـقـىـي قىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىگە ئايلانغان.
مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر «خىمىيە قارتا» خىمىيە مۇسابىـقـىـسـى ھەيئىتى خاڭجۇ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەملـىـكـەت بـويـىـچـە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردا30 غا يېقىن شۆبە جـەمئىـيـەت تـەسـىـس قىلىنغان، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار پۈتۈن مەملـىـكـەتـتـىـكـى30 ئۆلـكـە، شەھەر، ئاپتونوم رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زاۋۇت، كان، قىسىم، جەمئىيەتتىكى ياشلار تىزىملىتـىـپ قاتناشسا بولىدۇ. مۇسابىقە تولۇقسىز3 - يىللىق، تولۇق1 - يىللىق، تولۇق2 - يىللىق ۋە تولۇق3 - يىللىق دەپ تۆت گۇرۇپپىغا ئايـرىـلـىـدۇ. ھەر يـىـلى9 - ئاي دەسلەپكى مۇسابىقە مەزگىلى بولۇپ، يازما ئىمتىھان ئېلـىـنـىـدۇ، ئىمتىھان سوئاللىرىدا ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسى ئاساس قىلىنىدۇ، بـىـلـىـم خـاراكـتـېـرى، قىزىقارلىقلىقى بولۇش، قىيىن سوئال، غەيرىي سوئال بولماسلىـقـقـا ئەھمىـيـەت بېرىلىدۇ، كېيىنكى يىلى7 -،8 - ئايلار ھەل قىـلـغـۇچ مـۇسـابـىـقـە ۋاقـتـى بولۇپ، دەسلەپكى مۇسابىقىگە قاتـنـاشـقـانلار ئارىسىدىن %5 ئوقۇغۇچى تاللىنىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىسىملـىـكـىـگـە كىرگۈزۈلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە يازما ئىمـتـىـھـان، خـىـمـىـيـە قارتا مۇسابىقىسى ۋە ئېغىزچە ئىمتىھان دەپ ئۈچ تـۈرگـە ئايـرىـلـىـدۇ، بـۇلار ئومـۇمـىـي نومۇرنىڭ %40 ى، %30 ى ۋە %30 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىمتىھان مەزمـۇنـىـدا يەنىلا ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى ئاساس قىلىنىدۇ.
دەسلەپكى مۇسابىقىدە1 -دەرىجىلىك مۇكـاپـاتـتىـن100 ى،2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن600 ى،3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن3000 ى بولىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتتىـن4 ى،1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن200 ى،2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتـىـن600 ى،3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن3000 ى بولىدۇ.