خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى
خەلقئارا مۇسابىقىلەر
بۇ − خەلقئارادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىـرى ئوتـتـۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماتېماتىكا مۇسابىقىسى.1959 - يىـلـى بـاشلانـغـان. ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇستەقىل پـىـكـىـر قـىـلـىـش، تـەھلـىـل قـىـلـىـپ يىغىنچاقلاش ۋە ئاساس بىلىملەرنى جانـلـىـق تـەتبـىـقلاش ئىـقـتـىـدارىـنـى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.1959
- يىلى رومىنىيە «ماتېماتىكا - فىـزىـكـا ئىـلـمـىـي جـەمئىـيـىـتـى» شەرقىي ياۋروپادىكى يەتتە دۆلەتكە تەكلىپنامـە ئەۋەتـىـپ، شـۇ يـىـلـى7 - ئاينىڭ22 - كۈنىدىن30 - كۈنىگىچە لاسـوفـتـا1 - نـۆۋەتـلـىـك «خـەلـقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك» (قىسقارتىلىپ OMI دەپ ئاتىلىدۇ) مـۇسـابـىـقـىـسـى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئۆتكۈزۈلـگـەن خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسى. شۇنىڭدىن كېيىن «خەلقئارا ماتېماتىـكـا ئولىمپىك مۇسابىقىسى» ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكـۈزۈلـدى. قـاتـنـاشـقـۇچـى دۆلەتلەر دەسلەپتە شەرقىي ياۋروپا بىلەن چەكلەندى،1967 - يىلـدىـن كېيىن تەدرىجىي كۆپەيدى، ئامېـرىـكـا1974 - يـىـلـى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىمتىھان سوئاللىرىنى قاتناشـقـۇچـى دۆلـەتـلـەرنـىـڭ ۋەكىللىرى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن بىرلىكتە كېڭىشىپ، ئۇلارنـىـڭ ئارىسىدىن ئالتە سوئالنى مۇسابىقە تېمىسى قىلىپ تاللاپ چىقىدۇ. مـۇسـابـىـقـە ئادەتـتـە ھەر يـىـلـى7 - ئايـدا ئۆتـكـۈزۈلـۈپ،10 كـۈن ئۆپـچـۆرىـســىــدە داۋاملىشىدۇ. مۇسابىقە ئىككى چۈشتىن بۇرۇن ئۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر قېتىمقىسى تۆت سائەتچە بولۇپ، ئۈچ سوئال ئىشلىنىدۇ. قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنـىـڭ ماھىرلىرى1 -،2 -،3 - نومۇر... دەپ ئايرىلىدۇ، مۇسابىقىگـە ھەرقـايـسـى ئەل ماھىرلىرى نومۇرى بويىچە كىرىدۇ،1 - نومۇر1 - نومۇرلۇق مەيدانغـا،2 - نومۇر2 - نومۇرلۇق مەيدانغـا كـىـرىـدۇ. ئادەتـتـە مـۇسـابـىـقـىـگـە ئوغـۇل ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدۇ،1967 - يىلىدىن كېيـىـن بىرنەچچە قىز ئوقۇغۇچىمۇ قاتنىشىدىغان بولدى.
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەتىجىنـى شـۇ دۆلـەتـنـىـڭ كـومـانـدا يېتەكچىسى بىلەن ساھىبخان دۆلەتنىڭ مـاسلاشـتـۇرغـۇچـىـسـى (ھەربـىـر سوئالنى ئىـكـكـى ئادەم) بـاھالايـدۇ، ئىـخـتـىلاپ كـۆرۈلـگـەنـدە، ئومـۇمـىـي ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىغا تاپشۇرۇلۇپ باھالىنىدۇ. ماھىرلار مۇسابىـقـىـگـە قاتناشقاندىن باشـقـا ۋاقـىـتـلـىـرىـدا، سـاھىـبـخـان دۆلـەت ئۇيـۇشـتـۇرغـان ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت ھەمدە شاھمات مـۇسـابـىـقـىسى قـاتـارلـىـق پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىكىنىڭ ھازىرچە تېخى مۇقىم تـەشـكـىـلـى ۋە نىزامنامىسى يوق. ھەر يىلى قاتنـاشـقـۇچـى دۆلـەتـلـەر بىر دىن ئادەم سـايلاپ كومىتېت تەشكىللەيدۇ. مـۇسـابـىـقـە ئورنـى قـاتـناشـقـۇچـى دۆلـەتـلـەردە نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. ساھىبخان دۆلەت ۋەكىلى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالـىـدۇ. مۇسابىقە بىرلەشكەن دۆلەتلـەر تـەشـكـىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ۋە ماددىي ياردىمىـگـە ئېـرىـشـكـەن.1985 - يـىـلـى جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنى ئەۋەتىپ، فىنلاندىيىـدە ئۆتكۈزۈلگەن26 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقـىـسـىـگـە قاتناشتۇردى.