UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىچاۋشيەن «1 - مارت» قوزغىلىڭى

چاۋشيەن «1 - مارت» قوزغىلىڭى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياپونىيە جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە چىڭ سۇلالىسى بىلەن روسىيىنىڭ كۈچىنى تەدرىجىي چاۋشيەندىن قوغلاپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.1910 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيە يەنە «ياپونىيە بىلەن كورىيىنى قوشۇۋېتىش شەرتنامىسى» نى ئېلان قىلىپ چاۋشيەننى رەسمىي قوشۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن، چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.1919 - يىل1 - ئاينىڭ22 - كۈنى ياپونىيە تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان سابىق چاۋشيەن پادىشاھى لى شى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى. لى شى ھايات ۋاقتىدا قورچاق بولۇشقا تەن بەرمىگەنىدى،1890 - يىلى ئۇ روسىيە ئەلچىخانىسىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەنىدى.1907 - يىلى ئۇ يەنە2 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىنچلىق يىغىنىنىڭ گائاگادا ئېچىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ گائاگاغا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىپ، يىغىنغا چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى، ياپونىيىنىڭ ھامىيلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغانلىقتىن، ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇپ ياپونىيە تەرىپىدىن بىكار قىلىندى، ئاندىن ئۇزاققىچە نەزەربەند قىلىندى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لى شىنى ياپونىيە زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنىكەن. بۇ خەۋەر تارقالغان ھامان، چاۋشيەننى مەملىكەت بويىچە زىلزىلىگە سالدى. ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چاۋشيەنلىك ئوقۇغۇچىلار باشلامچى بولۇپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالدى.2 - ئاينىڭ8 - كۈنى ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان60 مىڭ چاۋشيەنلىك ئوقۇغۇچى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تيەنداۋجياۋ دىنىنىڭ پوپى سۇن بىڭشى باشچىلىقىدىكى بىلىم ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلاردىن «مۇستەقىللىق ھەرىكەت بۆلۈمى» تەشكىللەندى، ئۇلار مەملىكەت بويىچە ماتەم كۈنىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيىگە قارشى نامايىش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى. ئۇلار تەييارلىغان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» دە ئالدى بىلەن «زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتمەسلىك» ھەرىكەتنىڭ فاڭجېنى قىلىپ بېكىتىلدى.1919 - يىل3 - ئاينىڭ1 - كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئامما سېئولنىڭ تادۇڭ باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. يىغىندا »مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئارقىدىنلا ئامما داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسەتتى. سۇن بىڭشى باشچىلىقىدىكى «مۇستەقىللىق ھەرىكىتى شتابى» ھەرىكەتنىڭ ئۇلار ئۆزى كونترول قىلالايدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ھەرىكەتتىن دەرھال چېكىنىپ چىقتى ھەمدە ياپونىيە باش ھەربىي ۋالىيسىغا «دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قورال كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ...» نى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ھەرىكەت ئۇلارنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن ئاخىرلاشمىدى.3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سېئولدىن باشلانغان نامايىش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز كېڭىيىپ كەتتى، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىسى ئاساس قىلىنغان تىنچلىق نامايىشى ئىشچى - دېھقانلار ئاساسىي كۈچ قىلىنغان قوزغىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇ كۈرەش چاۋشيەننىڭ218 ۋىلايىتىگە تۇتاشتى، بۇنىڭغا قاتناشقان ئامما2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ھۆكۈمران دائىرىلىرى قانلىق باستۇردى، ئۇلار8000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى،52 مىڭ كىشىنى قولغا ئالدى. ھەرىكەت مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمرانلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، ياپونىيىنى چاۋشيەنگە قاراتقان «دوگماتىك (قارام) سىياسىيسى» نى «مەدەنىيەت سىياسىيسى» غا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى