UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىھايتى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

ھايتى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ھايتى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەت. ئۇ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىللە ھايتى ئارىلىغا جايلاشقان، بۇ سۆزنىڭ ئىندىئان تىلىدىكى مەنىسى «تاغلىق جاي» دېگەندىن ئىبارەت.1492 - يىلى كولومبو ھايتىدا تۇنجى مۇستەملىكە نۇقتىسىنى قۇرغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ھايتى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىسپانىيە مۇشۇ ئارالدا تۇرۇشلۇق يەرلىك ئاھالە ئىندىئانلارغا ئىرقىنى قۇرۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان.16 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى بۇ ئارالدا ئەسلىدە تۇرۇۋاتقان200 مىڭدىن ئارتۇق ئىندىئان پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئافرىقىدىن كۆپلەپ نېگىر قۇل يۆتكىگەن.1630 - يىلى فرانسىيە دېڭىز قاراقچىلىرى ھايتىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان. مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز بېسىپ كىرىش يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان،1697 - يىلىغا كەلگەندە فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە رەسىمىي كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇ ئارالنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋەتكەن. شەرقىي قىسمى ئىسپانىيىنىڭ ئىگىدارلىقىدا (يەنى بۈگۈنكى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى)، غەربىي قىسمى فرانسىيىنىڭ ئىگىدارلىقىدا (يەنى بۈگۈنكى ھايتى جۇمھۇرىيىتى) دىن ئىبارەت. فرانسىيىلىكلەر بۇ ئارالنى سانتو دومىنگو دەپ ئاتىغان. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھايتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئېكىنزارلىق ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، بۇنىڭ ئۈچۈن، نېگىر قۇللارنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكەپ كەلگەن.1779 - يىلى ھايتىدىكى نېگىر قۇللارنىڭ سانى480 مىڭغا يەتكەن، ئاق تەنلىكلەر بولسا ئارانلا40 مىڭ ئىدى. نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاش قان تىپىدىكى كىشىلەر ۋە ئەركىن نېگىرلار25 مىڭ كىشى ئىدى. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى نېگىر قۇللارغا ئىنتايىن دەھشەتلىك ئېزىش ۋە قۇل قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. بىر قاۋۇل نېگىر قۇل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران6 -7 يىللا ئەمگەك قىلالايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. دېمەك، بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا نېگىرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ھايتى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، نېگىرلار كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدى.1775 −1783 - يىللىرى يۈز بەرگەن ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى،1789 - يىلىدىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ھايتى خەلقىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەرگەن.1791 - يىلى8 - ئايدا ھايتىدىكى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى كىشىلەر ۋە ئەركىن نېگىرلار نېگىر قۇللار بىلەن بىرلىشىپ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. نېگىر قۇلدىن كېلىپ چىققان دۇسسېن لوۋېرتور قوزغىلاڭدا مەشھۇر نېگىر داھىي بولۇپ قالغان. ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىغا زەربە بەرگەن.1801 - يىلى پۈتكۈل سانتو دومىنگو ئارىلى ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇ يىلى ھايتىدا ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنى ئېچىلغان. يېڭى ئاساسىي قانۇندا قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ئاھالىنىڭ تېرە رەڭگىگە قارىماي بىردەك باراۋەر بولىدىغانلىقى جاكارلانغان. دۇسسېن ئۆمۈرلۈك ھاكىمىيەت تۇتۇشقا سايلانغان. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسىدا تۇنجى بولۇپ قۇلدارلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان نېگىرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىدۇر. ناپولېئون فرانسىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ ھايتىدىكى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن. ئۇ ئالتۇن رەڭلىك پاگوننىڭ نېگىرلارنىڭ مۈرىسىگە تاقىلىشىغا زادىلا يول قويمىغان.1802 - يىلى ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئېرى كلاير باشچىلىقىدىكى54 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە30 مىڭ ئەسكەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى باستۇرغان. كلاير قەبىﮫ ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قوللىنىپ، دۇسسېننى ئالداپ قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنى فرانسىيە تۈرمىسىگە قاماپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسى ھايتىدا فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن. دۇسسېننىڭ سەپداشلىرى دۇسسېن ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي كلاير سېرىق قىزىتما كېسەل بىلەن ئۆلگەن.1803 - يىلى10 - ئايدا فرانسىيە قالدۇق ئارمىيىسى ھايتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.1804 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنى ھايتى رەسمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى يەر نامى «ھايتى» دېگەن سۆزنى يېڭى دۆلەتنىڭ نامى قىلغان.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى