بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
«بولشېۋىك» روسچە «كۆپ سانلىقلار» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ لېنىن قۇرغان روسىيىدىكى ماركسىزمچە پارتىيىدۇر.1883
- يىلى پېلخانوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە، روسىيىدە تۇنجى ماركسىزملىق سىياسىي تەشكىلات — «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» قۇرۇلدى.1895 - يىلى5 - ئايدا لېنىن جەنۋەدە پلېخانوۋنى قوبۇل قىلىپ، «ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقە ئورناتتى. شۇ يىلى كۈزدە لېنىن روسىيىگە قايتىپ كېلىپ، پېتېربۇرگتىكى تارقاقلاشقان ماركسىزم گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەمئىيىتى» قىلىپ تەشكىللىدى. جەمئىيەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي لېنىن قولغا ئېلىندى، كېيىن ئۇ سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىندى. شۇ سەۋەبتىن1898 - يىل3 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالمىدى. بۇ قۇرۇلتاي پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىدى.1900
- يىلى لېنىن سۈرگۈنلۈك مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىپ سىياسىي گېزىت - ژۇرناللارنى چىقىرىش خىزمىتىگە كۈچ چىقاردى. شۇ يىلى12 - ئايدا «ئۇچقۇن گېزىتى» چەت ئەلدە نەشر قىلىندى. لېنىن «ئۇچقۇن گېزىتى» دە بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى تەشۋىق قىلدى.1901 - يىلىدىن1902 - يىلىغىچە ئۇ يەنە «قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى.1903 - يىلى7 - ئايدا روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ2 - قۇرۇلتىيى بريۇسسېلدا ئېچىلدى، پېلخانوۋ قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى، لېنىن مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى پارتىيىنىڭ پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ماقۇللاش ئىدى. پارتىيىنىڭ پروگراممىسى جەھەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى دېگەن سۆزنى يېزىش - يازماسلىق ۋە پارتىيە نىزامنامىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسى توغرىسىدا كەسكىن بەس - مۇنازىرە قوزغالدى، بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى مۇنداق بولدى: پارتىيىنىڭ پروگراممىسى مەسىلىسىدە لېنىننىڭ پىكرى ماقۇللىنىپ، ئۇنىڭغا پرولېتارىيات دىكتاتورىسى دېگەن ماددا يېزىلىدىغان بولدى، لېكىن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسى ھەققىدە لېنىننىڭ پىكرى ئىنكار قىلىندى. ئەڭ ئاخىردا پارتىيىنىڭ مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلايدىغان چاغدا، لېنىنغا قارشى قىسمەن ۋەكىللەر قۇرۇلتايدىن چېكىنىپ چىققانلىقتىن، لېنىننى ھىمايە قىلىدىغان ۋەكىللەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى. روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى گۇرۇھ، يەنى كۆپ سانلىقلار ۋە ئاز سانلىقلارغا ئايرىلدى، بولشېۋىك روسچە كۆپ سانلىقلار دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مېنشېۋىك روسچە ئاز سانلىقلار دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى. لېكىن بۇ ئىككى گۇرۇھ1912 - يىلىدىن ئىلگىرى ئاشكارا ئايرىلىپ كەتكىنى يوق.1912
- يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ6 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. بۇ قۇرۇلتايدا بولشېۋىكلار بىلەن مېنشېۋىكلار ئاشكارا ئايرىلىپ كەتتى، بولشېۋىكلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇستەقىل ماركسىزملىق پارتىيە بولۇپ قالغانلىقتىن، روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى قىسقارتىلىپ بولشېۋىكلار پارتىيىسى دەپ ئاتالدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى1918 - يىلى3 - ئايدا پارتىيىنىڭ7 - قۇرۇلتىيىدا لېنىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار پارتىيىسى) نىڭ نامى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار پارتىيىسى)غا ئۆزگەرتىلدى.1925 - يىلى4 - ئايدا پارتىيىنىڭ14 - قۇرۇلتىيىدا روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار پارتىيىسى) نىڭ نامى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار پارتىيىسى) گە ئۆزگەرتىلدى.