سۇدان مەھدى قوزغىلىڭى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
سۇدان19 - ئەسىردىن20 - ئەسىرگىچە مىسىر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانىدى.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مىسىرنى ئەنگلىيە كونترول قىلىۋالغاندا، سۇدانمۇ تەدرىجىي ھالدا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.1877 - يىلى جۇڭگودا تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان گوردون سۇداننىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى بولدى. سۇدان خەلقى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلارنىڭ رەھىمسىز ئېزىشىگە چىدىماي، كەينى - كەينىدىن قارشىلىق كۈرىشىنى قوزغىدى. مەھدى قوزغىلىڭى بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قوزغىلاڭدۇر.
مەھدى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەھمەد (1844 −1885 ). ئۇ بىر نامرات ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ پۇشتى دەپ ئاتىغان.1870 - يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ئادالەتسىز جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان ھەمدە ئۆزىنى مەھدى، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ ئاتىغان.
ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى.1881 - يىلى ئۇ سوراق قىلىشقا چاقىرىلغاندا، زادىلا پىسەنت قىلمىدى. شۇيىلى8 - ئايدا ھۆكۈمەت200 كىشىلىك كىچىك قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان ئابا ئارىلىدا ئۇنى تۇتۇۋالدى، لېكىن ئۇلار قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، قوزغىلاڭ شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كەتتى. مۇھەممەد ئۆزىنى مەھدى دەپ ئاتىغانلىقتىن، شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەھدى قوزغىلىڭى دەپ ئاتالدى.
ئابا ئارىلى ئۇرۇشىدىن كېيىن مەھدى كوردوفان ئۆلكىسىدىكى كادىر تاغلىق رايونىغا يۆتكىلىپ باردى ھەمدە ئۇ يەرنى بازا قىلىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى.1884 - يىلى2 - ئايدا مەھدى ئەسكەرلىرى خارتۇمغا يېقىنلىشىپ باردى. خارتۇم ئەنگلىيىنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ھەربىي ۋالىيسى بار جاي بولغاچقا، خارتۇم مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنى زىلزىلىگە سالدى. ئەنگلىيە سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ھەربىي ۋالىيسى گوردوننى خارتۇمغا قايتىپ بېرىپ، بۇ پاجىئەلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى.10 - ئايدا مەھدى ئۆزى چوڭ قوشۇننى باشلاپ خارتۇمنى مۇھاسىرىگە ئالدى ھەمدە1885 - يىل1 - ئاينىڭ26 - كۈنى سەھەردە پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلدى. گوردون توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. خارتۇمنى ئىشغال قىلىش، سۇدان زېمىنىنى ئازاد قىلىش يېقىنلىشىپ قالغانىدى. شۇ پەيتتە (1885 - يىلى6 - ئاي) مۇھەممەد كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئابدۇللا ئۇنىڭغا ۋارىس بولۇپ نامىنى خەلىپە دەپ ئاتىدى. شۇ يىلى9 - ئايدا مەھدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلىنىپ، ئومدۇرمان پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى.
مەھدى دۆلىتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، قوشنا دۆلەت ھەبەشىستان (ئېفىئوپىيە) بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. بۇ ئۇرۇش تۆت يىل داۋاملاشتى (1885 −1889 ). ئافرىقىلىقلار بىلەن ئافرىقىلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشتا مەھدى دۆلىتىمۇ، ھەبەشىستان دۆلىتىمۇ ئوخشاشلا زىيانغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلىپىنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن، ھۆكۈمران گۇرۇھ ئىچىدە توقۇنۇش پەيدا بولدى، يەنى ئابدۇللانىڭ ھەتتا مەھدىنىڭ بالا - چاقىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، سۇدان دۆلىتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتتى.1896 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى مىسىر ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كېرشنېر25 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇننى باشلاپ سۇدانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى، بۇ ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋاملاشتى.1899 - يىلى11 - ئايدا ئابدۇللا ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى جاكارلاندى. سۇدان ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.