روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
1917 - يىلى روسىيىدە سەككىز ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، يېپيېڭى بىر دۆلەت دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
غەربىي ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا،20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكى روسىيە — سانائىتى قالاق دۆلەت ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ سانائەت رايونلىرى خېلى مەركەزلەشكەنىدى. مۇنداق مەركەزلىشىش ئاھالىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان سانائەت پرولېتارىياتىنى ناھايىتى يۇقىرى تەشكىللىنىش دەرىجىسىگە ئىگە قىلدى. شۇڭا ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تەسىرى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۆزى ئىگىلىگەن ئاھالە نىسبىتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى.1917
- يىل3 - ئاينىڭ12 - كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە2 - ئاينىڭ27 - كۈنى) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن چارروسىيىدە ئاخىر ئىنقىلاب پارتلىدى. قىسقىغىنە سەككىز كۈن ئىچىدە رومانوۋ سۇلالىسى خۇددى قەغەزدىن ياسالغان ئۆيدەك ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئىنقىلاب مەزگىلىدە پايتەخت پېتېربۇرگتىكى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىدىن بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات — ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى قۇرۇلدى. بۇرژۇئازىيە ۋەكىللىرى تاقەتسىزلىك بىلەن سوتسىيالىزمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللىدى. روسىيە پايتەختىدە ئىككى ھاكىمىيەت، يەنى سوۋېت بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولدى. كېيىنكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە بۇ ئىككى خىل سىياسىي كۈچ جان تىكىپ ئېلىشتى.
فېۋرال ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن،1917 - يىل4 - ئاينىڭ16 - كۈنى لېنىن شۋېتسارىيىدىن پېتېربۇرگقا قايتىپ كەلدى.2 - كۈنى ئۇ كېيىن «ئاپرېل تېزىسى» دەپ ئاتالغان مەشھۇر سۆزنى ئېلان قىلىپ، «بارلىق ھاكىمىيەت سوۋېتقا مەنسۇپ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېنىننىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى نىشانىدا «بۇرژۇئا ئىنقىلابى» نى «پرولېتارىيات ئىنقىلابى» غا ئايلاندۇرۇپ، روسىيىدە پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ئىدى.7 - ئاينىڭ16 - كۈنى1 - پىلىموتچىلار تۇەنىنىڭ ئەسكەرلىرى بالتىق دېڭىزى فلوتىنىڭ ماتروس ۋە ئىشچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىستىخىيىلىك ھالدا نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى،500 مىڭ ئامما كوچىغا چىقتى. ئەتىسى ھۆكۈمەت ئالدىنقى سەپتىن ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىش قىلغان ئاممىنى قانلىق باستۇردى. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، كېرىنسكى ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولدى، مېنشېۋىكلار ۋە سوتسىيال ئىنقىلاب پارتىيىسى پايتەختنى كونترول قىلىۋالدى. سوۋېت ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن پېتېربۇرگتا ئىككى ھاكىمىيەت بىللە مەۋجۇت بولۇش ۋەزىيىتى ئاخىرلىشىپ، بارلىق ھاكىمىيەت بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئىيۇل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بولشېۋىكلارنىڭ داھىيسى ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇش ئېلانى سەۋەبىدىن يەر ئاستىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى، شۇنىڭ بىلەن لېنىن يەنە بىر قېتىم دۆلەت سىرتىدا سەرگەردان بولۇپ يۈردى.
شۇ يىلى9 - ئاينىڭ3 - كۈنى رىگانى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىگىلىۋالدى، ئەكسىيەتچىل گېنېرال كورنىلوۋ رىگا قولدىن كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.9 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئۇ بولشېۋىكلارنى باستۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ قوزغىدى. كېرىنسكى ھۆكۈمىتى نائىلاج بولشېۋىكلار بىلەن بىرلەشتى ھەمدە قوراللانغان پايتەخت ئىشچىلىرى ئارقىلىق توپىلاڭنى تىنچىتتى. بولشېۋىكلار ۋە قوراللىق ئىشچىلارنىڭ مەدىتى بىلەن توپىلاڭ تىنچلاندۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پايتەختتە سوۋېت ئىچىدىكى بولشېۋىكلارنىڭ كۈچى يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، پايتەختتە يەنە بىر قېتىم ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، يەنە كېلىپ كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە روشەن ھالدا پايدىسز بولدى. كېرىنسكى قىسىمنى يۆتكەپ كېلىپ مۇداپىئە كۆرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنقىلابىي كەيپىياتقا تولغان ئارمىيىنى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىشكە ئۇرۇندى. لېكىن بۇ بۇيرۇق سوۋېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى.11 - ئاينىڭ5 - كۈنى كېرىنسكى يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولشېۋىكلارنىڭ داھىيسىنى قولغا ئالدى ھەمدە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ گېزىتىنى پېچەتلىۋەتتى. بۇ چاغدا لېنىن دەرھال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.11 - ئاينىڭ6 - كۈنى قوزغىلاڭ باشلاندى.2 - كۈنى (يەنى11 - ئاينىڭ7 - كۈنى) قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا كېرىنسكى قېچىپ كەتكەندىن تاشقىرى، قالغان ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىردەك قولغا ئېلىندى.
غەلىبە قىلغان بولشېۋىكلار پارتىيىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەتنى قۇردى. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان كۈن —11 - ئاينىڭ7 - كۈنى روسىيە كالېندارى بويىچە10 - ئاينىڭ25 - كۈنى بولغانلىقتىن، تارىختا بۇ ئىنقىلاب ئۆكتەبىر ئىنقىلابى دەپ ئاتالدى.