UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىكوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى

كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى 1847 - يىلى پارىژدا كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، ئۇ، تۇنجى خەلقئارا پرولېتارىيات ئىنقىلابىي تەشكىلاتىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ماركس بىلەن ئېنگېلس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئىشچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىنقىلابىي پارتىيە يوق ئىدى، ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان بىر مۇنچە ئىنقىلابىي تەشكىلاتلار تۈرلۈك خاتا ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئالدى بىلەن كوممۇنىزمچىلار ئالاقە كومىتېتىنى قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، خاتا ئېقىمنى تازىلىدى. ئۇلار «ئادالەتچىلەر ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان ئىشچىلار تەشكىلاتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىدى. بۇ تەشكىلات گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياچېيكا قۇرۇپ، شۇ دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارنى ئۇنىڭغا قوبۇل قىلغان، ئۇ، تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر. ئەمما ئۇنىڭدا تەشكىلىي جەھەتتە ئېغىر مەزھەپچىلىك خاھىشى ساقلانغان، ئىدىيە جەھەتتە ھەر خىل ئۇششاق بۇرژۇئاچە سوتسىيالىزم ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغان ۋېيتېلىڭنىڭ خىيالىي كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋېيتېلىڭنىڭ قارىشىچە، ئىنقىلابتا پرولېتارىياتقا تايانماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئەڭ بەختسىز كىشىلەر، مەسىلەن، تىلەمچىلەر، جىنايەتچىلەر ۋە قاراقچىلارغا تايىنىش كېرەكمىش. ئۇ يەنە كوممۇنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى خرىستىئان دىنىدىكى ئىنجىلدىكىگە ئوخشايدىغان، خۇددى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ياراتقۇچى كەشىپ قىلغان دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان ياخشى چارە بولىدۇ، دەپ قارىغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس بۇ تەشكىلاتنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن پرولېتارىيات ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇ تەشكىلاتقا ئۇزاققىچە سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە كۆپ ساندىكى ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارنى بۇ ئىتتىپاققا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، ئىتتىپاقنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشقا ياردەملەشتۈردى.1847 - يىلى6 - ئايدا «ئادالەتچىلەر ئىتتىپاقى» لوندوندا قۇرۇلتاي ئېچىپ، نامىنى «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتتى. قۇرۇلتاي ئېنگېلسنىڭ تەييارلىشىغا ھاۋالە قىلغان نىزامنامىدە ئىتتىپاقنىڭ مەقسىتى بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىياتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، سىنىپ ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمىغان جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. قۇرۇلتاي يەنە ماركس ئوتتۇرىغا قويغان «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشەيلى!» دېگەن شوئارنى ئورتاق جەڭ شوئارى قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ماركس بىلەن ئېنگېلس يەنە ئىتتىپاق ئۈچۈن پروگرامما بولغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى تەييارلاپ بەردى. ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياۋروپانى قاپلىغان1848 - يىلىدىكى ئىنقىلابقا دەرھال ئاتلاندى. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىتتىپاق دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ،1852 - يىلى11 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەنلىكى جاكارلاندى. ھايات قالغان ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى كېيىنچە «1 - ئىنتېرناتسىئونال» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى