UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىئېفىئوپىيىنىڭ ئىتالىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى

ئېفىئوپىيىنىڭ ئىتالىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ئېفىئوپىيە ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىي چىقىش ئېغىزىغا يېقىن بولغاچقا، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.19 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىلا ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغان ھەمدە قىزىل دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. يەنى ئىتالىيىگە قاراشلىق ئېرىترېيە ئىدى.1890 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە شەرقىي ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، ئىتالىيە ئەنگلىيىنىڭ مىسىر ۋە سۇدانغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنى ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلغان، ئەنگلىيە ئېفىئوپىيىنىڭ ئىتالىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن، ئېفىئوپىيە بۇنى رەت قىلغان.1894 −1896 - يىللىرى ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلدى. لېكىن ئادۋا ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىتالىيە نائىلاج سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئېفىئوپىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىدى. ئىتالىيە ئۆز مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىدى. مۇسسولىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئېفىئوپىيىگە يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىشقا پائال تەييارلىق كۆردى. بۇ قېتىمقى ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغۇچى مەشھۇر خائىل سىلاسسې Ⅰ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئادۋا ئۇرۇشىنىڭ قوماندانى ئىدى. ئۇ1892 - يىلى تۇغۇلغان،1916 - يىلى نايىب پادىشاھ بولغان، ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ياش ئېفىئوپىيە» تەرەپدارلىرىنىڭ سەردارى ئىدى.1930 - يىلى مۇتەئەسسىپلەر سەردارى ئايال پادىشاھ زودىتو كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تافارى پادىشاھلىق تاجىنى كىيدى، يەنى خائىل سىلاسسېⅠ ئۇزاق ئۆتمەي ئىتالىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىدى.1934 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى ئىتالىيە ئۆزىگە قاراشلىق سۇمالىدا ئېفىئوپىيە چېگرىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى. ئېفىئوپىيە1935 - يىلى1 - ئايدا خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاققا ئەرز قىلدى، لېكىن ئەنگلىيە، فرانسىيە تىزگىنلىۋالغان خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاق ئېفىئوپىيە ئۈچۈن ئادىل گەپ قىلماستىن، ئىتالىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئافرىقىدىكى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنىلا بىلدۈردى. شۇڭا، خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاق قارار چىقىرىپ، ئىككىلا تەرەپ ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تاجاۋۇز قىلغان تەرەپكە ئىلھام بەرگەن بىلەن باراۋەر بولدى.1935 - يىل10 - ئاينىڭ3 -كۈنى ئىتالىيە300 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن تارتىپ، ئېفىئوپىيىگە يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغىدى. ئېفىئوپىيە ئارمىيە ۋە خەلقى خائىل سىلاسسېنىڭ رەھبەرلىكىدە، باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ ئالدىنقى سەپكە باردى. لېكىن، ئاخىرقى ھېسابتا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق چوڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولدى.1936 - يىل5 - ئاينىڭ2 - كۈنى خائىل سىلاسسې دۆلىتىدىن چىقىپ كەتتى.5 - ئاينىڭ5 - كۈنى پايتەخت قولدىن كەتتى، لېكىن ئېفىئوپىيە خەلقى قارشىلىقنى زادىلا توختىتىپ قويمىدى. ئۇلار پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن ئىشغالىيەتچى ئارمىيىگە قارشىلىق كۆرسەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن خائىل سىلاسسې خەلقئارانىڭ ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى كۈچەيتتى.1941 - يىلى1 - ئايدا خائىل سىلاسسې2000 كىشىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك قوراللىق كۈچنى بىۋاسىتە باشلاپ كېلىپ ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ ئېفىئوپىيىگە قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.1941 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئېفىئوپىيە زېمىنىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
ئېفىئوپىيىنىڭ ئىتالىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki