UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى«كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى

«كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى 1848 - يىلى ياۋروپا كاپىتالىزمى ياشلىق ھاياتىي كۈچى بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان فېئودال مۇستەبىتلىكنى سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتقان پەيتتە، ئىككى ياش ئۇنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىدى. ئۇلار «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نىڭ ئاپتورلىرى − ماركس بىلەن ئېنگېلس. ئەينى ۋاقىتتا، ماركس30 ياش، ئېنگېلس28 ياش ئىدى.19 - ئەسىرنىڭ30 -،40 - يىللىرى ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابى تاماملىنىشقا يېقىنلاشقاندا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سانائەت ئىنقىلابى باشلاندى. ئۇ چاغدا ياۋروپا ئىشچىلىرى ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچراپ، كۈنىگە ئون نەچچە سائەت ئىشلەيتتى، خىزمەت شارائىتى ناچار، ئىش ھەققى تۆۋەن ئىدى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ھادىسىلىرى دائىم كۆرۈلەتتى. ئۇلار كونا، پاسكىنا نامراتلار گەمىسىدە ئولتۇراتتى، ئەتراپىنى سېسىق سۇ ئازگاللىرى ۋە ئەخلەتلىرى قاپلىغانىدى. ئىشچىلار ئورۇقلاپ قۇرۇق قاقشال بولۇپ، چىرايلىرى سارغىيىپ كېتەتتى، ئۇزاققىچە بىرلا خىل ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال ئەمەس ئىدى ياكى ئىشتا يارىلىنىش تۈپەيلىدىن تېنى كەمتۈك بولۇپ قالاتتى. ئىقتىسادىي كرىزىس كۆرۈلگەندە، ئۇلار ئىشسىز قالغانلىقتىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالاتتى. ئىشچىلار تەشكىللىنىپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى باستۇرۇۋېتەتتى. بەزى زىيالىيلار بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ئۇلار سوتسىيالىزمنىڭ ھەر خىل لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ئۇلار ئۈمىدىنى پادىشاھ ۋە بايلارغا باغلاپ، ئۇلارنىڭ پۇل چىقىرىپ، «ئىناق» تەشكىلات قۇرۇشىنى كۈتەتتى. ياش ماركس بىلەن ئېنگېلس نەزەرىيە ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى كوممۇنىزم تەلىماتىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كاپىتالىزم تارىختا ئادەتتىن تاشقىرى ئىنقىلابىي رول ئويناپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلىسىز زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ھاسىل قىلدى، لېكىن كاپىتالىزم ئۆزىدىكى زىددىيەتلەر سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى، سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشچىلار سىنىپىنىڭلا كۈچى يېتىدۇ. ئىشچىلارغا ئىنقىلاب نەزەرىيىسىنى ئىگىلىتىش ئۈچۈن، ماركس بىلەن ئېنگېلس ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتى — ئادالەتچىلەر ئىتتىپاقى «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى ھەمدە ئۇلارغا يېڭى پروگرامما تەييارلاش ھاۋالە قىلىندى.1840 - يىلى2 - ئايدا بۇ يېڭى پروگرامما نېمىسچە نۇسخىدا ئېلان قىلىندى. مانا بۇ كېيىنچە كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا كېلىش كىنىشكىسى دەپ ئاتالغان مەشھۇر ئەسەر − «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دۇر.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى