سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ20 - قۇرۇلتىيى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
1956 - يىلى3 - ئايدا ئېچىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ20 - قۇرۇلتىيى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى تارىخىدىكى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان قۇرۇلتايدۇر.1953
- يىلى3 - ئايدا دۇنيادىكى تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەتكە30 يىلدەك رەھبەرلىك قىلغان ستالىن ۋاپات بولۇپ خرۇشېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولدى،20 - قۇرۇلتاي خرۇشېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي خرۇشېۋ بەرگەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ6 - بەش يىللىق پىلان كۆرسەتمىسى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى، ستالىن ۋاقتىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر قاتار نەزەرىيە، نۇقتىئىنەزەر ۋە فاڭجېن - سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تاشقى سىياسەت جەھەتتە، قۇرۇلتايدا دۇنيا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي سىستېمىغا بۆلۈنگەن ئەھۋالدا، تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پرىنسىپى «بىردىنبىر توغرا ۋە مۇۋاپىق پرىنسىپتۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى ھەققىدە قۇرۇلتايدا بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشىنىڭ كونكرېت شەكلى بارغانسېرى كۆپ خىل بولىدۇ، تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىق بولۇشىمۇ، جۈملىدىن پارلامېنت ئۇسۇلى ئارقىلىق سوتسىيالىزمغا «ئۆتۈش» كىمۇ بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا يەنە ستالىنغا بولغان «شەخسكە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش» تۇنجى قېتىم تەنقىد قىلىندى.
خرۇشېۋنىڭ قۇرۇلتايدا قىلغان «شەخسكە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا» دېگەن مەخپىي دوكلاتى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلىتى ۋە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:30 - يىللاردا ستالىن رىياسەتچىلىك قىلغان بىرقانچە قېتىملىق چوڭ سوت ۋە چوڭ تازىلاشتا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. لېنىن ھايات ۋاقتىدا قۇرغان خەلق كومىتېتى (سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى) نىڭ15 نەپەر خەلق كومىتېتى ئەزاسىدىن سەككىزى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، بىرى سۈرگۈن قىلىندى؛17 - قۇرۇلتاينىڭ1966 ۋەكىلىنىڭ1108 ى «ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىندى؛17 - قۇرۇلتايدا139 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە كاندىدات ئەزاسى سايلاپ چىقىلغانىدى، ئۇنىڭ98 ى قولغا ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى؛1935 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئۇنۋان ئالغان بەش مارشال، جۈملىدىن باش سەنمۇجاڭ تۇخاچېۋىسكىي قاتارلىق ئۈچ مارشال، شۇنىڭدەك زور بىر تۈركۈم قىزىل ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. بۇ مەخپىي دوكلات ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئۇ گېزىتتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا ئىنتايىن چوڭ داۋالغۇش قوزغىدى.