UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرىلاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى كولۇمبونىڭ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىشىغا ئەگىشىپ ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى كەينى - كەينىدىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكتىن، پۈتكۈل جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى تەدرىجىي ھالدا ياۋروپا ئاق تەنلىكلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى، ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە لاتىن تىلى سىستېمىسىغا كىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى لاتىن ئامېرىكىسى دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالدى.1775 - يىلى شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىلىرىدىكى خەلق ئالدى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى توپىنى ئاتتى. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. شىمالىي ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشاش بولمىغىنى شۇكى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر ئاھالىسى ئاساسلىقى رەڭلىك ئىرقلار ئىدى. مەسىلەن، ھايتى بىلەن برازىلىيە ئاساسلىقى نېگىرلاردىن تەركىب تاپقان، مېكسىكا بولسا ئاساسلىقى ئىندىئانلاردىن تەركىب تاپقان. شۇڭا، مۇستەملىكىلەر بىلەن مېتروپولىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن باشقا، مۇستەملىكە جايلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىرق زىددىيىتىمۇ ناھايىتى كەسكىن ئىدى. ئىنقىلابتىن بۇرۇنقى لاتىن ئامېرىكىسىدا نېگىرلار بىلەن ئىندىئانلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېكىنزارلىقتىكى قۇللار ئىدى، ئۇنىڭدىن قالسا، ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى كىشىلەر ئىدى. شۇ چاغدا تۇغۇلغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ يەرلىك ئاھالە ئىچىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى ئىدى، لېكىن مۇستەملىكە جايلارنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولالمايتتى. ھۆكۈمران ئورۇندىكىلىرى پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى مېتروپولىيىدىن كەلگەن ئاق تەنلىكلەر ئىدى. ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ئىنقىلابى ئالدى بىلەن شۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاق تەنلىكلەرگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى، ئۇلار مېتروپولىيىدىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىنلا رەڭلىك ئىرقتىكىلەر كۆلىمى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ھايتى ئەڭ بالدۇر قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەت ئىدى.1808 - يىلى ناپولېئون ئارمىيىسى ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئىسپانىيىنىڭ بوربون خانىدانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ھايتى مۇستەقىللىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ۋە مېتروپولىيە دۆلەت بولغان ئىسپانىيىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولۇشى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكە خەلقىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى.1810 - يىلى لاتىن ئامېرىكىسىدا مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دولقۇنى قوزغالدى،1826 - يىلى ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.1822 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان برازىلىيىمۇ مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.1790 - يىلى ھايتى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن تارتىپ1826 - يىلى ئىسپانىيە لاتىن ئامېرىكىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغۇچە بولغان ۋاقىت قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل بولسىمۇ، ئىنقىلاب بورىنى پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىنى دېگۈدەك قاپلىدى. ئىنقىلابتىن كېيىنكى لاتىن ئامېرىكىسىدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ17 مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ۋاقتى مەركەزلىك، مۇستەقىللىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ، دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەنىدى، بۇ، دۇنيادىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن شانلىق سەھىپە ياراتتى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki