پارىژ كوممۇنىسى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
پارىژ كوممۇنىسى1871 - يىلى فرانسىيە پرولېتارىياتى قۇرغان ئىشچىلار ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا پرولېتارىيات دىكتاتورىلىقىدىكى تۇنجى ھاكىمىيەتتۇر.
فرانسىيىنىڭ پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى پارىژ كوممۇنىسى قوزغىلىڭىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدۇر.1870 - يىل9 - ئاينىڭ2 - كۈنى سېداندا قورشاۋدا قالغان فرانسىيە پادىشاھى لۇئى بوناپارت پەرمان چۈشۈرۈپ تەسلىم بولدى، ئىمپېرىيىمۇ پادىشاھنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن بەربات بولدى.9 - ئاينىڭ4 - كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ،3 - جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ۋە ئورلېئونچىلاردىن تەشكىل قىلىنغان يېڭى ھۆكۈمەت ئۆزىنى «دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتىدى. پرۇسسىيە فرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، داۋاملىق ھالدا فرانسىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى.9 - ئاينىڭ19 - كۈنى پرۇسىيە ئارمىيىسى پارىژنى قورشىۋالدى. پارىژنى قوغداش ئۈچۈن، پارىژ ئىشچىلار سىنىپى194 باتالىيونلۇق مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنى قۇردى. ئۇنىڭ ئادەم سانى300 مىڭغا يەتتى، ئىشچىلار ئۆزى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى بىلەن قارىمۇقارشى بولغان سىياسىي كۈچ ئىدى. دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى تيېرمۇ1848 - يىلى پارىژ ئىيۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرغانلارنىڭ شېرىكى ئىدى، شۇ يىلى قوزغىلاڭدا ھايات قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە پارىژدىكى ئىشچىلار قوراللىق كۈچىگە قاتناشتى.
تيېر يېڭى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئىشچىلار قوراللىق كۈچىنى تارقىتىۋېتىشى كېرەك ئىدى.1871 - يىل3 - ئاينىڭ18 - كۈنى سەھەردە ئۇ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى مونمارتر ئېگىزلىكىگە ئوغرىلىقچە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىپ، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى ئۇ يەرگە توپلىغان زەمبىرەكلەرنى بىراقلا قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى. پارىژ ئىشچىلىرى ئۇنىڭغا قوزغىلاڭ بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكتىن، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. بىر كۈن ۋاقىت ئىچىدىلا ئىشچىلار شەھەرلىك مەمۇرىيەت زالىنى ئىشغال قىلىۋالدى. تيېر ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى ئالدىراپ - تېنەپ پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كونا پادىشاھ ئوردىسى − ۋېرسال سارىيىغا قېچىپ كەتتى.3
- ئاينىڭ26 - كۈنى پارىژ خەلقى بېلەت تاشلاپ، ئىشچىلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتى — پارىژ كوممۇنىسىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. كوممۇنا ئومۇمىي سايلامدا ۋۇجۇدقا كەلگەن پارىژدىكى رايونلار ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپتى.3 - ئاينىڭ28 - كۈنى پارىژ كوممۇنىسى رەسمىي قۇرۇلدى. كوممۇنا كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، كونا ئارمىيىنى بىكار قىلدى؛ ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ئاپپاراتىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، قاچقۇن كاپىتالىستلارنىڭ زاۋۇتلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقتىن، ئىشچىلار كوللېكتىپى ئۇنى باشقۇردى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشنى قەتئىي مەنئى قىلدى. كوممۇنا يەنە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مائاشى يۇقىرى بولغاندا ئىشچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنى ھەر ۋاقىت ئالماشتۇرۇۋېتىشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
بۇ چاغدا ۋېرسالغا قېچىپ كەتكەن تيېر ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژ كوممۇنىسىغا تاقابىل تۇرغۇدەك ئەمەلىي كۈچى يوق بولسىمۇ، كوممۇنا ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇۋىسىغىچە غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بەرمىدى. پارىژ قورشاۋدا قالغانلىقتىن، كوممۇنانىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىمۇ قىيىنلاشتى. پارىژنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تيېر مىللىي ئەشەددىي دۈشمىنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشتىن باش تارتماي،5 - ئاينىڭ10 - كۈنى پرۇسسىيە بىلەن «فرانكفورت تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. پرۇسسىيە100 مىڭ فرانسىيە ئۇرۇش ئەسىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ۋېرسال ئارمىيىسىنىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسى بازىسى ئارقىلىق پارىژغا ھۇجۇم قىلىشىغا قوشۇلدى.5 - ئاينىڭ20 - كۈنى تيېر پارىژغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى.5 - ئاينىڭ21 - كۈنى ۋېرسال ئارمىيىسى خائىننىڭ پىلانلىشى بىلەن پارىژغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى، پارىژ كوممۇنىسى جەڭچىلىرى دۈشمەنگە قاتتىق تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق چوڭ بولغانلىقتىن ئاخىر مەغلۇپ بولدى.
تيېر ھۆكۈمىتى كوممۇنا ئەزالىرىنى قانلىق باستۇردى. چوڭ قىرغىنچىلىق توپتوغرا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشتى،20 مىڭ كىشى سوراق قىلىنماستىنلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭغا ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنى قوشقاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. قولغا ئېلىنغان، قامالغان، سۈرگۈن قىلىنغان، قوغلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ سانى100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. پارىژ كوممۇنىسى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پرولېتارىيات بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنى ئورنىتىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ سىناق بولۇپ قالدى.