UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى«ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نىڭ مەيدانغا كېلىشى

«ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نىڭ مەيدانغا كېلىشى

خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى «قوزغال! ئاچ ھەم يالىڭاچ قۇللار، قوزغال، پۈتكۈل خارلانغان ئىنسان. ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكە، ئۇرغۇيدۇ تومۇرلاردا قان ...» پۈتۈن دۇنيادىكى100 مىليونلىغان خەلق بۇ تەنتەنىلىك ھەم مەردانە «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى ئىنتايىن پىششىق بىلىدۇ. ئۇنىڭ تېكىستىنى ئىۋگېنى پوتىئېر، مۇزىكىسىنى بېلل دېگېيتېر ئىشلىگەن. پوتىئېر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بىر نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،13 يېشىدىلا بالا ئىشچى بولغان.1830 - يىلى پارىژدا فېئودالىزمغا قارشى ئىيۇل ئىنقىلابى پارتلىغاندا14 ياشقىلا كىرگەن پوتىئېر قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا كىرىشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقتىن كىرىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي، قەلەم ئارقىلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، تۇنجى ئەسىرى «ياشىسۇن ئەركىنلىك» نى يېزىپ چىققان. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب بورىنىنىڭ سىنىقى ئارقىلىق ئۇ مۇستەھكەم ئىنقىلابىي جەڭچى، مەشھۇر پرولېتارىيات شائىرى بولۇپ قالغان.1871 - يىلى پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پارىژ كوممۇنىسىنى قۇرغاندا، پوتىئېر رەھبىرىي ئەزالىققا سايلىنىپ، كوممۇنىنى قوغدايدىغان قانلىق جەڭگە قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ دۈشمەننىڭ ئاختۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان2 - كۈنى دۈشمەنگە بولغان چەكسىز نەپرىتى ۋە كوممۇنىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى بىلەن ئاددىيغىنە ئىشچى ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە مۇشۇ ئۆچمەس ئەسەر «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نىڭ تېكىستىنى يېزىپ چىققان. كېيىن پوتىئېر چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان، تاكى1880 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى چوڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا قەدەم قويۇپ، نامراتلىق ئۈستىگە كېسەل بولۇپ قالغانىدى. لېكىن پارىژ ئىشچىلىرى ئۆزىنىڭ شائىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئۇلار مەبلەغ توپلاپ «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىنقىلابىي شېئىرلار توپلىمى» نى نەشر قىلدۇرغان.1887 - يىلى11 - ئايدا پوتىئېر كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندە، پارىژ ئىشچىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.1888 - يىلى6 - ئايدا فرانسىيە ئىشچىسى يەنە مۇزىكانت دېگېيتېر فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پوتىئېرنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇپ، كېچە - كېچىلەپ مۇشۇ مۇزىكىنى ئىشلىگەن.6 - ئاينىڭ23 - كۈنى دېگېيتېر يىغىلىشتا بۇ شېئىرنى ئورۇنداشقا ئۆزى بىۋاسىتە دىرىژورلۇق قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. بۇ شېئىرنىڭ مۇزىكىسى پرولېتارىياتنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس قەيسەر كۈرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، دۇنيادىكى بارلىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىدىغان ئۇلۇغۋار قەسەميادنى ئىپادىلەپ، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، تېزدىنلا فرانسىيىدە تارقالغان ھەمدە پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ جەڭ ناخشىسىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنى ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى