فرانسىيە ئىيۇن قوزغىلىڭى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
1846 - يىلىدىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇل كەملەپ، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئاچ قېلىپ، تۈركۈملىگەن ئىشچىلار ئىشسىز قالدى،1848 - يىلىدىكى فرانسىيە ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالدى. ئىنقىلاب كرىزىسى ئالدىدا، پادىشاھ لۇئى فىلىپ كۆرۈنۈشتە ئىسلاھات يۈرگۈزۈشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئاستىرتىن ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەپ، باستۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى.2 - ئاينىڭ23 - كۈنى ئارمىيە پارىژغا كىرگەندە، پارىژ ئىشچىلىرى دەرھال قوزغىلاڭ ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. نەتىجىدە، قىسمەن ئارمىيە قوزغىلاڭچى ئىشچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، لۇئى فىلىپنىڭ ئىيۇل خانىدانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، پارىژدا بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ئاساس قىلىنغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. پۈتكۈل پارىژ ئىنقىلابنىڭ شاد - خۇراملىقىغا چۆمدى، ئەمما يوشۇرۇن ھالەتتىكى كرىزىسقا ھېچكىمنىڭ دىققەت - ئېتىبارى چۈشمىگەنىدى.
ئىنقىلاب بىر كونا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشاشلا كۆز ئالدىدىكى ئىجتىمائىي كرىزىس — ئاچارچىلىق بىلەن ئىشسىزلىقنى ھەل قىلغۇدەك مادارى يوق ئىدى. ئىشسىز قالغان ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت »دۆلەت ئىشخانىسى« ئېچىپ، ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن100 نەچچە مىڭ ئىشسىز قالغان ئىشچىنى يول ياساش، كۆچەت تىكىش قاتارلىق پاراۋانلىق ئەمگەكلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ياللىدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يەنە24 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلىپ،24 باتالىيونلۇق مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنى تەشكىل قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق سېلىقى بولغان تۆت خىل بىۋاسىتە باجغا قوشۇپ ئۇلاردىن قوشۇمچە باج ئالغانلىقتىن، دېھقانلارنىڭ شەھەر ئىشچىلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.1848
- يىل5 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنى ئېچىلدى.10 - كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تارقىتىۋېتىلىپ، بەش كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلدى. ئىجرائىيە كومىتېتى سابىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى ئىككى نەپەر ئىشچى ۋەكىلى لۇئى بلانىك بىلەن ئالبېرتنى چەتكە قاقتى.6 - ئايغا كەلگەندە، ھۆكۈمەت «دۆلەت ئىشخانىسى» نى تاقاش پەرمانىنى چۈشۈردى،18 ياشتىن25 ياشقىچە بولغان نىكاھلانمىغان ئوغۇل ئىشچىلار بىردەك ئارمىيىگە قوبۇل قىلىندى. ئاچارچىلىقتىن كوچىدا قالغان ئىشچىلارغا باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقتىن، قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.6 - ئاينىڭ23 - كۈنى پارىژنىڭ ھەممە يېرىدە ئاكوپ قۇرۇلدى. قوزغىلاڭ تۆت كۈن داۋام قىلدى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت250 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك باستۇردى.26 - كۈنى ئەڭ ئاخىرقى كوچا قورغىنى قولدىن كەتكەندىن كېيىن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭچىلاردىن11 مىڭ كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى،25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى ۋە سۈرگۈن قىلىندى.
پارىژ ئىيۇن قوزغىلىڭى گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ يېزىلىدۇ. ماركس ئۇنى پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى «تۇنجى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش» دەپ ئاتىغان.