ھىندى مىللەتلىرىنىڭ چوڭ قوزغىلىڭى
خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى
1857 - يىل5 - ئاينىڭ10 - كۈنى پارتلىغان ھىندىستان ئەسكەرلىرى قوزغىلىڭى تېزدىنلا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان مىللىي چوڭ قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب مايلانغان ئوق ۋەقەسىدىن ئىبارەت. ئەنگلىيە ئوفىتسېرى ئىسلام دىنىغا ۋە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەسكەرلەرنى چوشقا يېغى ۋە كالا يېغىدىن ئىشلەنگەن سىلىقلانغان مايلىق ئوقنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ھاقارەت قىلغانلىقتىن، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا ئۇزاققىچە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزگەندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان زىددىيەتنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي پارتلىشىدۇر.
ئەنگلىيە1600 - يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قۇرغان كۈندىن باشلاپلا ھىندىستانغا قارىتىلىغان تاجاۋۇزچىلىقنى باشلىۋەتتى.1757 - يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيە ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى كونترول قىلىۋالدى. ھىندىستاندىكى موغول پادىشاھلىقى، يەرلىك شتاتلاردىكى كىنەز - تۆرىلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەر مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ قورچىقى ئىدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاندىن كۆپلەپ مال - دۇنيانى بۇلاپ كەتتى. ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستان يەنە ئەنگلىيە تاۋارلىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان بازارغا ئايلىنىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيىنىڭ قول سانائىتى، بولۇپمۇ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، ھىندىستاندىكى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.1848
- يىلى دارخاش ھىندىستاننىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى (1848 −1856 ) بولغاندا، ھىندىستاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتمەكچى بولدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ھىندىستاندىكى شتاتلارغا قوشۇۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ شتاتلارنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى، يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى بىكار قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، براخمان دىنىنىڭ ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئورنىنى تەۋرىتىپ قويدى. شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان خەلقى ئەنگلىيە بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ دىنىمىزنى يوقىتىۋېتىپ، ھىندىستاننى خرىستىئان دىنىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقچى، دەپ قارىدى. سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەتنىڭ توقۇنۇشى ئارىلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھىندىستان جەمئىيىتى مىسلىسىز داۋالغۇش ئىچىدە قالدى.1857
- يىل5 - ئاينىڭ10 - كۈنى مىرۇتتا تۇرۇشلۇق ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈردى.5 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئۇلار دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، موغۇل خانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى باھادور شاھ Ⅱ نى پادىشاھلىققا قويۇپ، قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قوزغىلاڭ تېزدىن ھىندىستاننىڭ كەڭ رايونلىرىغا تارىلىپ كەتتى، مۇستەملىكىچى دائىرىلەر ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باستۇردى.1857 - يىلى9 - ئايدا دېھلى قولدىن كەتتى.1858 - يىلى6 - ئايدا جانىس بەگلىكى (شتاتى) نىڭ ئايال پادىشاھى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، جانىسمۇ قولدىن كەتتى، لېكىن قوزغىلاڭچى ئارمىيە پارتىزانلىق ئۇرۇشنى تا1859 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇردى.1858 - يىلى6 - ئايدا ئەنگلىيە قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ھىندىستانغا بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە «شۇ جايدىكى كىنەزلەر ۋە تۆرىلەرنىڭ ھوقۇقىغا، ئابرۇيىغا ۋە شان - شەرىپىگە ھۆرمەت قىلىش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستاندىكى فېئودال كۈچلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھىندىستان خەلقى تېخىمۇ ئۇزاق ۋە ئەگرى - توقاي بولغان مۇستەقىللىقنى، ئەركىنلىكنى ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا باشلىدى.